قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياۋ خانىم خەلق ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق سوغۇقتا توققۇز سائەت توختىماي ئىزدەپ، يۈتۈپ كەتكەن ئىنىسىنى تېپىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى

2017-12-07 17:48:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

ئالتاي شەھەر ئاھالىسى ياۋ خانىم تۈنۆگۈن چۈشتىن بۇرۇن، بىر پارچە رەھمەت خېتىنى ئالتاي شەھەرلىك قىزىلتاش مەھەللىسىنىڭ ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا ئاپىرىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق سوغۇقتا توققۇز سائەت توختىماي ئىزدەپ، يۈتۈپ كەتكەن ئىنىسىنى تېپىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

بۇ ئىش مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى ئالتاي شەھىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 نەچچە سېلسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالغان. ياۋ خانىمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز ئىنىسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەن. ياۋ خانىم ئۆزى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كىيىن، كەچ سائەت 6 دە قىزىلتاش مەھەللىسىدىكى ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئىشخانىسىغا كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. ياۋ خانىم مۇنداق دېدى: «بەك ئەنسىرەپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ياردەم سورىدىم. ئۇلار مېنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى».

ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، قىزىلتاش مەھەللىسىنىڭ ساقچىلىرى بىر تەرەپتىن ئەھۋالنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئەتراپتىكى ساقچى كۈچلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ياۋ خانىمنىڭ ئىنىسىنى ئىزدىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋ خانىم بىلەن يۈتۈپ كەتكۈچى بېرىشى مۈمكىن بولغان ئورۇنلارنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى كۆرۈنۈشنى چىقىرىپ، يىپ ئۇچى ئىزدىدى. مەھەللە ساقچىسى قۇئاشبېك خادىل مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئىزدىدۇق. بىر گۇرۇپپا ئالتۇنتاغ يولى، ئازاتلىق يولى، ئىتتىپاق يولى ئەتراپىدا، يەنە بىر گۇرۇپپا جەنۇبىي رايوندا ئىزدىدى. قاراڭغۇ چۈشكەندە ئىزدەش قىيىن بولغانلىقتىن، تېلېكامېرا ئارقىلىق ئىزدىدۇق».

خەلق ساقچىلىرى 9 سائەت توختىماي ئىزدەش ئارقىلىق، مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 3 يېرىمدا، ئاخىرى ياۋ خانىمنىڭ يۈتۈپ كەتكەن 11 ياشلىق ئىنىسىنى تاپتى. ياۋ خانىم مۇنداق دېدى: «ئۇ شۇ چاغدا توڭلاپ، چىرايى تاتىرىپ، گەپ قىلالماي قاپتىكەن. ئەگەر ۋاقتىدا تاپمىغان بولساق، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى، ساقچىلارغا كۆپ رەھمەت».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى