قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئادىل ئەلىلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2017-12-07 17:48:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

بۈگۈن نەشىردىن چىققان شىنجاڭ گېزىتىگە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىسى سېرجان ئۇقباي، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى يېيىلغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى ئادىل ئەلىلەرنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى بېسىلدى.

سېرجان ئۇقباينىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، بىز چوقۇم ھەققانىيەت يولىدىن قايىتماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئۆزۈمنى بېغىشلىيالايدىغان بولۇپ، قورقماي، چېكىنمەي، سەل قارىماي، ساداقەتمەنلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يۇرت - ماكانىمنى ياخشى قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلايدىغان قەتئىي سادىق جەڭچى بولىمەن.

ئادىل ئەلىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىمنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىدا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمەن؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك قىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا خەۋپ - خەتەرنىمۇ ئويلايمەن؛ يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتىمەن؛ كەسپىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە ئەڭ قاتتىق تەلەپ بويىچە، بىر دەقىقىمۇ بوشاشماي ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى