قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرى كەسپىي ئىمتىھانىنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى

2017-12-07 18:21:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرى كەسپىي ئىمتىھانىنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 2017 - يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە قىلىپ بېكىتىلدى. تىزىملىتىش ئورنى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئادرېسى بىلەن بىردەك بولۇپ، تىزىملىتىش سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتسە، قايتا تىزىملىتىشقا بولمايدۇ. گۈزەل سەنئەت تۈرىگە تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى نەق مەيداندا بېكىتىش ۋاقتى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، مۇزىكا تۈرى كەسپىگە تىزىملىتىشنى نەق مەيداندا بېكىتىش ۋاقتى 2018- يىلى 1-ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە، 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى نەق مەيداندا بېكىتىش ئۈچۈن، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچى چوقۇم 2- ئەۋلاد كىملىكى بىلەن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلىپ ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىپ مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەككەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى گۈزەل سەنئەت تۈرى، مۇزىكا تۈرى ئىمتىھان نۇقتىسى بىردەك شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «كوئېنلۇن» مەكتەپ رايونىغا تەسىس قىلىنغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى