قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرقىدىن ئاشتى

2017-12-07 18:23:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش ئومۇمىي مىقدارى 20 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئېشىپ، بۇ نىشانغا بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن يەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 21 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا، 2020-يىلىغا 30 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىدىكەن. دۆلەتلىك خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مەملىكىتىمىز ئايرودۇرۇملىرىنىڭ بىر مىليون يولۇچى (قېتىم)نى توشۇشى 1 مىليارد 810 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، 20 مىليون ئادەم (قېتىم) لىق يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئارقىلىق 100 شەھەرگە قاتنىغىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارالىق شەھەر 30 دىن ئاشىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى