قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئەي ئايال، بەك كوتۇلدىماڭ»

2017-12-07 18:44:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر يازغۇچى بىر قېتىم مەلۇم بىرسىنىڭ دوكىلاتىنى ئاڭلايدۇ، دەسلەپتە ئۇ دوكىلات بەرگۈچى ناھايىتى ياخشى سۆزلىدى دەپ ئىنتايىن تەسىرلىنىپ ئۆزىنى بېسۋالالماستىن ئىئانە بېرىشنى ئويلاپتۇ. 10 مىنۇتتىن كېيىن ھېلىقى كىشى يەنىلا سۆزلەپ بولالمىغانلىقتىن ئۇ سەل سەۋىرسىزلىنىپ، ئازراق پارچە پۇل ئىئانە قىلماقچى بوپتۇ، يەنە 10 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى كىشى يەنىلا سۆزلەپ بولالمىغانىكەن، ئۇ بىر پۇڭمۇ ئىئانە قىلماسلىقنى قارار قىپتۇ.

 بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىر ئانا بالىسىنى ئۈستەلنى ۋە سومكاڭنى رەتلەپ پاكىز تۇت، كىتاپ، دەپتەر ۋە كىيىملىرىڭنى قالايمىقان تاشلىما دەپ قايتا- قايتا تەنقىتلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ گېپى بالىنىڭ ئۇ قۇلىقىدىن كىرىپ بۇ قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ. خوتۇنى ئېرىگە توختىماي ھاراقنى ئاز ئىچىڭ، ئويۇن- تاماشىغا بېرىلىپ كەتمەڭ، تاماكىنى ئاز چېكىڭ، دەپ ھەر كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ، ئەر يەنىلا كېچىدە ئۆيگە كىرمەي، ئۆزى بىلگەننى قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھۋال سادىر بولىدۇ؟ پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، بۇ غىدىقلاش بەكلا زىيادە، بەكلا كۈچلۈك، بەكلا ئۇزۇن بولۇپ مۇۋاپىق چەكتىن ئېشىپ كەتكەنىلىكتىن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە بىزارلىق، ئۆكتە قوپۇش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىشلارنى ئەكسىچە تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن. پىسخولوگىيەدە بۇ «چەكتىن ئاشقان تەسىر» دەپ ئاتىلىدىكەن.

 ھەر بىر ئادەمدە ئۇچۇر، غىدىقلاشنى قۇبۇل قىلغان چاغدا، بىر سوبىكتىپ سىغىمچانلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر مۇشۇ سىغىمچانلىقتىن ئېشىپ كەتسە، ئادەم بۇ ۋەزىپىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى خالىماي قالىدۇ. كۆپ ھاللاردا زىيادە ئۇزۇن گەپ، تەكرار ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق مۆلچەرلىگەن ئۈنۈمگە يەتكىلى بولماي قالىدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ ئەڭ بىزار بولىدىغىنى «خوتۇنىنىڭ كوت- كوت»لىقى، بالىلارنىڭ ئەڭ بىزار بولىدىغىنى «ئاپىسىنىڭ كوت- كوت»لىقى ئىكەن. كىشىلەرنىڭ ئەڭ بىزار بولىدىغىنىمۇ ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ ئورۇنسىز كوت- كوتلىقى ئىكەن. ھەتتا بەزى ئەرلەر چېچىلاڭغۇ، كۆرۈمسىز ئاياللارغا بەرداشلىق بېرىشكە رازى بولسىمۇ، كوت- كوت ئاياللارغا بەرداشلىق بېرىشنى خالىمايدىكەن.

 قايسى بىر ئەدىب مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئەگەر بىر قىزنىڭ مىجەزى ئوسال، كوت- كوت بولسا، توختىماي قۇسۇر ئىزدىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا جاھاندىكى بارلىق گۈزەللىكلەر توپلانغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر ئۇنى گۈزەل دىگىلى بولمايدۇ». قارىغاندا كوتۇلداش- ھەقىقەتەن خانىم- قىزلارغا زور نوقسان يەتكۈزىدىكەن. بۇ پەقەت باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىش ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدىمۇ چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. كوتۇلداشنىڭ زەخمىلەندۈرۈش كۈچى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، باشقىلار ھەرگىزمۇ سىزنىڭ زىيادە كۆڭۈل بۆلىشىڭىز ۋە قىزغىنلىق بىلەن يول كۆرسىتىشىڭىزدىن مىننەتدار بولمايدۇ، سىزنىڭ كوتۇلدىشىڭىز بارا- بارا ئۇلارنى سىزدىن بىزار قىلىپ قويىدۇ خالاس.

بەزىدە بىز ئۆزىمىزنىڭ كوت- كوتلۇقىنى ھەرگىز تونۇپ يېتەلمەيمىز، بىزنىڭ مەقسىدىمىز پەقەتلا باشقىلارغا ئىشنى ياخشى قىلىدىكەن دېگەن تۇيغۇنى بېرىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەمما باشقىلار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشەنمەيلا قالماستىن ھەتتا سىزدىن بىزار بولۇپ قاچىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سىز ئۇلارنىڭ ئىشلارنى ياخشى بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلىسىز، بۇ ئۇلارنىڭ غورورىغا تېگىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىزمۇ باشقىلارنىڭ سىز ئىش قىلىۋاتقاندا يېنىڭىزدا تۇرۇپ ئۇنى قىل، بۇنى قىلما دەپ توختىماي سۆزلىشىنى خالىمايسىز، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە تەگمەسلىك، ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھىسياتقا دەز كەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن خانىم- قىزلار ئۆزىدە مۇشۇنداق نوقسان بارمۇ -يوق دېگەننى ئوبدان ئويلىنىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق نوقسان بولمىسا ئەلۋەتتە ياخشى، ئەگەر بولۇپ قالسا يەنىلا بالدۇرراق ئۆزگەرتىۋالغىنى تۈزۈك. قانداق ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

 ئۆزىڭىزنىڭ مەقسىدىڭىزنى بىۋاستە ئېيتىڭ. سىز ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىنى بىۋاستە ئېيتسىڭىزلا بولدى، ئۇنىڭ قانداق ئورۇنلىشىغا تەپسىلىي، بىر- بىرلەپ يول كۆرسىتىش نىيىتىدە بولماڭ، ئۇنىڭغا ياردەم كېرەك بولسا ئۆزىڭىزنى ئىزدەشنى ئېيتىپ قويسىڭىزلا كۇپايە.

 بىر ئىشنى قايتا- قايتا سۆزلىمەڭ. ئەگەر سىز قارشى تەرەپكە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ئاللىقاچان ئاڭلىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىڭىز، ئەمما ئۇ ئاۋۋالقىدەكلا پىسەنت قىلمىغان بولسا بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قىلىش نىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سىزنىڭ تەكرارلىغان قېتىمىڭىز قانچە كۆپ بولغانسېرى، قارشى تەرەپنىڭ سىز بىلەن قارشىلىشىش نىيىتىنى بارغانسېرى كۈچىيىشى مۇمكىن.

 «سەن» دېگەن گەپنى ئازراق تەكىتلەڭ. «قارا سېنى»، «بۇ سېنىڭ قانداق قىلغىنىڭ-ھە؟»، «ساڭا نىمە دېسەم بولار»، «ھەممىسى سېنىڭ كاساپىتىڭ» دېگەن سۆزلەردىكى «سەن» سۆزىنى ئادەم ئاڭلىغانسېرى بىزار بولىدۇ، قارشى تەرەپ تېشىدا يۈز ئۆرۈمىگەن بىلەن كۆڭلىدە ھەرگىز قايىل بولمايدۇ، سىز ئۈمىت قىلغان خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشىدىن تېخىمۇ ئۈمىد كۈتمەڭ.

 كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا مۇلايىم ھالەتنى ساقلاشقا تىرىشىڭ. بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئاۋال ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ. كىمنىڭ بۇ ئىشقا ئەيىپلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۇنى ئەيىپلەۋەرمەڭ. كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ھىچقانداق كىشى خالىمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سىزنىڭ تەنقىد، ئەيىپلەشلىرىڭىز پايدىسىز بولۇپلا قالماي، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى تونۇش تۇيغۇسىنى قارشىلىشىقا ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتتا سوغۇققانلىق بىلەن بىر مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپقان ئەڭ ياخشى.

ئەيىپلىگەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ. ئەيىپلەش ياكى تەنقىدلەش توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ ئاغزى بېسىلماي ئاغرىنىش ئۇسۇلىنى قوللانماي، باشقىچە بىر ئۇسۇلدا مۇلايىم پوزىتسىيەدە ئىپادىلىسىڭىز قارشى تەرەپ قۇبۇل قىلىشنى تېخىمۇ بەكرەك خالىشى مۇمكىن. بىر ئىشنى تۇتىۋىلىپ قايتا- قايتا ئاگاھلاندۇرىۋەرسىڭىز مەقسىدىڭىزگە يېتەلمەي قالىسىز.

 ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىڭ. سىز ئۆزىڭىزنى بىلىپ- بىلمەيلا كۆپ سۆزلەپ قويغانلىقىڭىزنى سەزگەندە، چوقۇم خاتالىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئۇنتىماڭ، سۆزلەشتىن دەرھال توختاڭ. ئەگەر بەك كۆپ سۆزلىۋەتكەنلىكىڭىزنى بايقىسىڭىز ئۆز ۋاقتىدا كەچۈرۈم سوراڭ، كەچۈرۈم سورىغۇدەك ئىش بولمىسا دەرھال سۆزلەشتىن توختاڭ ياكى گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكەڭ.

 ئەمەلىيەتتە خانىم- قىزلار شۇنى ئېسىدە ساقلىشى زۆرۈركى، كوتۇلداشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق. ئۆزىڭىزنىڭ ئاغزىنى ئۇپراتقاننى ئاز دەپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغاندىن باشقا يەنە قارشى تەرەپتە بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىسىز. تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزۈپ قويىسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن سىز سالاپەتلىك، بىلىملىك، نازاكەتلىك خانىم- قىز بولۇشقا تىرىشىڭكى، ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىزار بولىدىغان، قاچىدىغان قورقۇنچلۇق مەخلۇق قىلىپ قويماڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى