قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نېمە ئۈچۈن ئايروپىلانغا قىزىل، يېشىل، ئاق چىراغلار ئورنىتىلىدۇ؟

2017-12-10 11:42:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش تېزلىكى يۇقىرى بولغاچقا، ئېھتىيات قىلمىسا باشقا ئايروپىلانلار بىلەن سوقۇلۇپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇچقۇچىنىڭ ئەتراپتا ئايروپىلاننىڭ بار - يوقلۇقىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى ۋە باشقا ئايروپىلانلارنىڭ ئۆزى بىلەن قانداق ئۇچۇش مۇناسىۋىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا قىزىل، يېشىل ۋە ئاق رەڭلىك چىراغلار ئورنىتىلىدۇ. ئايروپىلان كېچىسى ئۇچقاندا ھاۋادىكى قاتناش ۋەقەسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى قانىتى ۋە قۇيرۇقىدىكى چىراغنى يورۇتۇپ قويىدۇ. ئۇچقۇچىنىڭ ئورنىدىن قارىغاندا قىزىل چىراغ سول قاناتنىڭ ئۇچىغا، يېشىل چىراغ ئوڭ قاناتنىڭ ئۇچىغا، ئاق چىراغ قۇيرۇققا ئورنىتىلىدۇ. ئۈچ چىراغنى ئۈزلۈكسىز ياندۇرۇشقىمۇ، ئۈزۈپ- ئۈزۈپ ياندۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇچقۇچى باشقا بىر ئايروپىلاننىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ قىزىل، يېشىل ئىككى چىرىغىنى كۆرسە، ئۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇدۇل ئۆزىگە قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، سوقۇلۇپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇچقۇچى باشقا بىر ئايروپىلاننىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقانلىقىنى ھەم ئاق چىرىغىنىلا كۆرسە، ئۇ ئايروپىلاننىڭ ئۆزى بىلەن بىر يۆنىلىشتە ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر ئاق يورۇقلۇق بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولسا، ئارىلىقنىڭ تەدرىجىي يېقىنلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئاق يورۇقلۇق ئاجىزلاۋاتقان بولسا، ئارىلىقنىڭ تەدرىجىي يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قىزىل ياكى يېشىل چىراغنى كۆرسە، ئۇ ئايروپىلاننىڭ ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ياكى سول تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى، ئۈچلا چىراغنىڭ ھەممىسىنى كۆرسە، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا خەتەر يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇچقۇچىلار مۇشۇنىڭغا قاراپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى