قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلماقتا

2017-12-18 17:03:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇزاق ئۆمۈر تىلەش مەھەللىسى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، تۇغقانلاشقان ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىق رىشتىنى چىڭىتتى. (مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

    يېقىندىن بۇيان، دۆربىلجىن ناھىيەسىدە 1- تۈركۈمدە 2260 ئىشچى- خىزمەتچى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك دوستلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى پىلانلاپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

    سۈرەتتە: دۆربىلجىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاڭ شىسەي (ئوڭدىن 1- كىشى) 12- ئاينىڭ 12- كۈنى تۇغقىنى بۇلغۇن (سولدىن 1- كىشى) قاتارلىقلار بىلەن بىڭتۈەن 9- شىسى ئىتتىپاق دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، پارنىكتا تەرخەمەك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە. (گېزىتىمىزنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ پېڭ فوتوسى)

    قومۇل شەھىرى ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قىزغىن ئاۋاز قوشتى، ھەر مىللەت كادىرلار تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يېزا- كەنتلەرگە بېرىپ، تۇغقانلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، تاماقتا،يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى.

    سۈرەتتە: قومۇل شەھىرىدىكى ئورگان كادىرلىرى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى ئېۋىرغول رايونى شەرقىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى ئوردا كەنتىدىكى تۇغقىنىغا كۆمۈر توشۇپ بەرمەكتە. (شىنجاڭ سۈرەتلەر ئامبىرىدىن سەي زېڭلې فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى