ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2018- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى

2018-01-02 20:09:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە تورى) ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2018- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 31- دېكابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە تورى) ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2018- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  كۆپچىلىك، ياخشىمۇ سىلەر! ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2018- يىلىنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ يەردە مەن ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن! شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى دوستلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  تەبىئەت قانۇنىيىتى ئۆزگەرمىسىمۇ كۈندىن- كۈنگە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. 2017- يىلى بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق. ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 80 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، شەھەر- يېزىلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىليوندىن ئاشتى، 900 مىليوندىن كۆپرەك كىشى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، 1 مىليارد 350 مىليون كىشى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلدى، يېزىلاردىكى 10 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. «ئەلنى خۇشال قىلىمەن دېسەڭ، ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىل» دەيدىغان گەپ بار. 3 مىليون 400 مىڭ نامرات ئاھالىنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق ئىللىق، يېڭى ئائىلىگە ئىگە قىلىندى، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا 6 مىليون يۈرۈش كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاش نىشان- ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى. تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، خەلق تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى. بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلىدۇق.

  پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلدى، زور قۇرۇلۇشلاردىن ئۈزۈلمەي خۇش خەۋەر كەلدى. «ئۆتكۈر كۆز» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى، C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆكتە پەرۋاز قىلدى، فوتوكىۋانتلىق كومپيۇتېر تەتقىق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالدى، دېڭىزدا شال ئۆستۈرۈش سىناق قىلىندى، دۆلىتىمىز ئۆزى ياسىغان تۇنجى ئاۋىياماتكا سۇغا چۈشۈرۈلدى، «دېڭىز قانىتى» ناملىق چوڭقۇر دېڭىز پىلانېرى چوڭقۇر دېڭىزنى كۆزىتىشنى تاماملىدى، دېڭىز تەۋەسىدىن تۇنجى قېتىم كۆيىدىغان مۇز سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قېزىلدى، ياڭشەن 4- قارارلىق ئاپتوماتلاشقان پىرىستانى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، «گۈللىنىش» ناملىق «بېنز» پىكاپى ئېلىمىز كەڭ زېمىنىدا قاتناشقا باشلىدى... مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن!

  بىز جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا پارات ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلىدۇق. شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگىنىگە 20 يىل بولغان پەيتتە، مەن شياڭگاڭغا بېرىپ، ۋەتەننىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇشى بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىش ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ساقلىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل. بىز يەنە پۈتۈن مىللەت ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ۋە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىق تىلىدۇق.

  بىز دۆلىتىمىزدە تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەر يۇقىرى قاتلام سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق بىرنەچچە مەيدان كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. مەن يەنە دۇنيادىكى بەزى مۇھىم كۆپ تەرەپ يىغىنلىرىغا قاتناشتىم. بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەن داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىللىق يىغىنىغا قاتناشتىم ھەم ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنى قاتارلىقلارغا قاتناشتىم. ئوخشاش بولمىغان بۇ سورۇنلاردا مەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا قوشۇلدى.

  مەن 2017- يىلى ئاممىدىن كەلگەن نۇرغۇن خەتنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇلار ئارىسىدا شىزاڭنىڭ لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي كەنتىدىكى يۇرتداشلار، ئىچكى موڭغۇل سۇنىت ئوڭ خوشۇنى قىزىل مەدەنىيەت خىزمىتى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى غەربىي رايونغا يۆتكەلگەن پېشقەدەم پىروفېسسورلار، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يېڭىدىن ھەربىيگە قاتناشقان ئىستۇدېنتلار بار، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. خەلقىمىز ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرگىز ۋايسىمىدى. مەن مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، بەختنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

  2018- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 نەچچە يىللىق گۈزەل پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، شەكىلۋازلىق ۋە تەرسالىق قىلماي، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  2018- يىلى بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىمىزغا ئۇچرىغان ھەرقانداق مۈشكۈلاتلارغا باش ئەگمەيدىغان باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش − بىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. ۋەدە ئالتۇندىن قىممەت. 2020- يىلىغا ئۈچ يىل قالغان پەيتتە، پۈتكۈل جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، سەرخىللارنىڭ ھەممىسى جەڭگە ئاتلىنىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، داۋاملىق يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۈچ يىلدىن كېيىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىياتىدا تۇنجى قېتىم ئېغىر نامراتلىق ھادىسىسىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىدىغان ھەرىكەت. شۇڭا بىز جۇڭخۇا مىللىتى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە تاماملىشىمىز كېرەك.

  ھازىر ھەرقايسى تەرەپلەر ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات كەلگۈسىدىن ھەم ئۈمىدۋار بولۇش، ھەم ئەندىشە قىلىش بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ياشىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭمۇ دەيدىغىنى بار. جۇڭگو ب د ت نىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، تېگىشلىك خەلقئارا بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىدۇ، يەر شارىدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ تىنچ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  بىزنىڭ ئۇلۇغ تەرەققىيات نەتىجىلىرىمىزنى خەلق ياراتقان، خەلق ئۇلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. مەن خەلقنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىنىڭ مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، مۇھىت قاتارلىق جەھەتتىكى ئىشلار ئىكەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنداقلا يەنە كۆڭۈل بۆلىدىغان، بېشى قاتىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بارلىقىنى ئىگىلىدىم. بىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىمىزدە يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بار، بۇ بىزدىن بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي پۇختا، ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە كادىرلار ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ نەتىجە دەپ بىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

  كۆپچىلىككە رەھمەت!

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى