قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

رەئىس شى جىنپىڭ 2018- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە چىن مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا زور ئىلھام ئاتا قىلدى

2018-01-03 17:17:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

رەئىس شى جىنپىڭ 2018- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە چىن مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا زور ئىلھام ئاتا قىلدى. كۆپچىلىك: مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.    تۆۋەندە ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى
نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇپتاي يېزىسى-- نۇقتىلىق نامرات يېزا بولۇپ، يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017- يىلدا، يېزىلىق پارتكومدىكى بىر بەنزە ئادەم ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ئىش كۆرۈپ، «بىنەم» ماركىسىدىكى نان يېقىش، تېرىقچىلىق، كەپتەر باقمىچىلىقى، گۈلە ئىشلەش قاتارلىق 4 كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ چىقىپ، 500 نەپەر نامرات ئاھالىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مىڭ يۈەنگە يېقىن ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سۇپتاي يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لى گۈەنچىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «ھەر دەرىجىلىك پارتكوم- ھۆكۈمەتلەر ۋە كادىرلار ئاممىنىڭ ئىسسىق- سوغۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە تۇتۇشى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور سىياسىي نەتىجە دەپ بىلىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىدە، خەلقنى سۈيۈش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشى ئۈچۈن چارە- ئامال ئويلىشىمىز كېرەك. 2018- يىلى، يېزىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ھازىر بار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى جەلپ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىر بار كەسپلەرنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.
رەئىس شى جىنپىڭ 2018- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، «تىرىشىپ كۆرەش قىلىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. بۇ-- ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ كەيگە تېخىمۇ زور غەيرەت ئاتا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئارىسىدا كۆۋرۈك بولۇپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىشسىزلارنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بېرىمەن.
بۇ يىل-- پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى. ماناس ناھىيەسى ماناس بازىرى يېڭى كوچا مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇسايىم راخمان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەۋقەنى خىزمەت ئورنۇمغا قارىتىپ، جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئىشلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭ 2018- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، «بەختلىك كۈنلەرنى تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ياراتقىلى بولىدۇ» دەپ ئېيتتى. ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەۋقەنى خىزمەت ئورنىمىزغا قارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئاممىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلىشىمىز؛ ئاممىۋى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك.
 يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتىدىن قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ ئېرىقبېشى كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش - ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىن شىنخۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتىدىن قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ ئېرىقبېشى كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يېڭى يىلدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش - ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇنىڭدىكى مەقسەد-- يېڭى يىلنى يېڭىچە باشلاش؛ 2018- يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىدە يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت.
 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، «ئۇلۇغۋار پىلاننى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتا، قۇرۇق خىيال سۈرۈشكە، شەكىلۋازلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، پۇختا قەدەم تاشلاپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك» دېيىلدى. بىڭتۈەن 8- شىسى 142- تۈەن سەھىيە مەركىزىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى چېن يافىي مۇنداق دېدى: تىببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ساغلام جۇڭگو ئىستىراتېگىيەسى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، «خەلق» دېگەن سۆز كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى. تىببىي خادىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەمىزنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كېسەللەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ساغلام جۇڭگو ئىستىراتېگىيەسىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى