قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خوتەن ۋىلايىتى نامرات ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش ھەركىتىنى باشلىدى

2018-01-04 11:24:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، 2018- يىللىق ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش ھەركىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى شىنيې يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.
كېرىيە ناھىيەسىدىكى نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن 500 ئىشلەمچى خۇشال ھالدا، گۇاڭدۇڭ، چىڭداۋ، خۇبىي قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەش ئالدىدا تۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. كېرىيە ناھىيەسىدىكى شىنيې يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىدە بىر ئايغا يېقىن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، كۇرسانتلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى. كۇرسانت ئايگۈل مەتقاسىم مۇنداق دېدى: يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ھەمراھلىرىم بىلەن بىرلىكتە گۇاڭدۇڭ خۈيجۇغا بېرىپ ئىشلەيدىغان بولدۇم. بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ ھاياجانلاندۇق. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. گۇاڭدۇڭغا بارغاندىن كېيىن، تېخنىكا ۋە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، پۇل تېپىپ، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەمدە بولىمىز.
29 ياشلىق مەتقاسىم مەتتۇرسۇن بۇ قېتىم خۇبىي ۋۇخەندىكى فۇجې ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ئۈلگە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، ياخشى ئىشلەپ، كۆپ پۇل تاپىمەن. ئۇ يەردە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم ۋە ئۆگەنگەنلىرىمنى يۇرتداشلىرىمغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ئۈلگە بولىمەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 102 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتى %36نى ئىگىلىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭۋۇ مۇنداق دېدى: يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش-- نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. بىز تەشكىللىك ھالدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە بۇ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى