قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ھەر بىر كۈنىمىز مەنىلىك ئۆتتى»

2018-01-03 19:45:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئەسقەر ھەسەن 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تۇغقىنىنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەرمۇدۇن يېزىسى ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى تۇرسۇنخان سۈپۈرگە موماينىڭ ئۆيى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى شاد- خۇراملىققا چۆمگەن بولۇپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى جەمىلەگۈل ئابدۇرېھىم ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى بۇ موماي بىلەن چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىۋاتتى.

  66 ياشقا كىرگەن تۇرسۇنخان سۈپۈرگە: بۇ تۆت قىز بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندىن بۇيان، ئۆيۈم ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئۇلار قىزىمغا ئوخشاش ئەتىگەندە ئورنىدىن قوپۇپ، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ، قورۇنى تازىلىغاندىن باشقا، يەنە ماڭا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلدى، تاماق ئېتىپ بەردى. ئۇلار مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماستىن، كەنتتىكى ئاغرىپ قالغانلارغا ۋاقتىدا دورا ئەكىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى داۋالىدى، دېدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىكى بارلىق خادىملار بۇ پائالىيەتكە پائال ئاۋاز قوشۇپ، تۇغقانلىرى بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە يېتىپ- قوپۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ ۋە بىللە ئۆگىنىپ، يۆلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتنى پىلانلىدى، شۇنداقلا ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسىلىنى خالىس كۆرۈپ، كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دائىر ساۋاتلارنى تەشۋىق قىلدى، ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى 150 ئائىلىگە ھەقسىز دورا ساندۇقى تارقىتىپ بەردى.

  جەمىلەگۈل ئابدۇرېھىم: بىز تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى كۈچەيتىپلا قالماي، كەسىپداشلار ئارا دوستلۇقنىمۇ كۈچەيتتۇق، ھەر بىر كۈنىمىز ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتتى، دېدى.

 

 

    جەمىلەگۈل ئابدۇرېھىم 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تۇرسۇنخان سۈپۈرگە موماينىڭ نەۋرە قىزىغا دەرس تەكرارلاپ بەرمەكتە.

 

 

    قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى ئانارگۈل ئەزىز (سولدا) 12- ئاينىڭ 18- كۈنى كەنت ئاھالىسىگە دورا ساندۇقىنى ئىشلىتىشنى چۈشەندۈرمەكتە.

 

    قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىملىرى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تۇرسۇنخان سۈپۈرگە موماينىڭ (ئوڭدىن 2- كىشى) ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى