قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك

2018-01-04 13:14:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئائىلىۋى تۇرمۇش ئەر- ئايالنىڭ ئورتاق رازىلىق ئاساسىدا قانۇنلۇق بىرلىشىش ۋە بىللە ياشاش جەريانىدۇر. نەچچە ئون يىللاپ باشقا- باشقا ئائىلە، ئوخشىمىغان ئاتا- ئانا، مەكتەپ ۋە مۇھىتتا، مۇھىمى ئوخشىمىغان خاراكتېر- پىسخىكا خاسلىقىدا ياشاپ كەلگەن ئىككى ئادەم ئورتاق بىر ماكان، بىر ئائىلە قۇرۇش ئەھدىسىگە كەلگەندە، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن يۈزلىنىدىغىنى «پەرق»قە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدۇر. شۇڭىمۇ بەزى جەمئىيەتشۇناسلار ئائىلىنى ئىجتىمائىي كېلىشىمنىڭ بىر شەكلى قاتارىدا تىلغا ئالىدۇ.
بىرەيلەننىڭ پولۇغا ئامراقلىقى، يەنە بىرەيلەننىڭ لەڭمەنگە خۇشتارلىقى پەرقتۇر؛ بىرەيلەننىڭ كۆك رەڭگە، يەنە بىرەيلەننىڭ يېشىل رەڭگە ئامراقلىقى پەرقتۇر؛ بىرەيلەننىڭ مۇقام مۇزىكىلىرىنى ياخشى كۆرۈشى، يەنە بىرەيلەننىڭ روك مۇزىكىلىرىغا مەپتۇنلۇقى پەرقتۇر؛ بىرەيلەننىڭ يانتۇ ياتسا راھەت ئۇخلىشى، يەنە بىرەيلەننىڭ ئوڭدا ياكى دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياقتۇرۇشى پەرقتۇر... پەرقسىز ئائىلە مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا پەرقنىڭ بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەكسىچە ئائىلىدە ئەر-ئايال ئارىسىدا ھېچقانداق پەرقلىق ئادەت، كۆز قاراش، ھەۋەسلەرنىڭ بولماسلىقى، ئائىلىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پەرقلىق ئادىتىگە مەۋجۇت بولۇش بوشلۇقى بەرمەسلىكى ھەقىقىي قورقۇنچلۇقتۇر.
نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئائىلىدە پەرق بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ، ھەتتا پەرقلىق قاراش، ئادەتلەرنى سىغدۇرالمايدۇ. بالىسى ياكى خوتۇنى ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرەر نەرسىگە قىزىقىپ قالسا ئەرۋاھى ئۇچۇپ، «تاپتىن چىقتى، يامان ئۆگىنىۋالدى، بۇزۇلدى، مەندىن يۈز ئۆرۈدى، مېنى دورىمىدى» دەپ خاپا بولۇشقا ئارانلا تۇرىدۇ. ئەمما بىز چوقۇم ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ھەربىر جان ئىگىسى بىر مۇكەممەل خاراكتېر ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدا ئۆزىگە خاس مەيدان، قاراش، خاراكتېر، ھەۋەس، قىزىقىش، ئادەت يېتىلدۈرۈش ھەققى ۋە ھوقۇقى بار. ئائىلە ھەر بىر ئەزانىڭ بۇ ئەڭ تۈپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەر بوكىسچىغا چوقۇنسا، ئايالى سەنئەتكارنى چوڭ بىلسە بولىۋېرىدۇ، ئەر قەھۋەنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئايالىنىڭمۇ كۈندە قەھۋە ئىچىشىنىڭ ھاجىتى يوق؛ دادا پۇتبولنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا رەسىمگە قىزىقىپ قالغان ئوغلىنىڭ ھەۋىسىنى مەسخىرە قىلىشى، توسۇشى كېرەكمۇ؟پەرقنىڭ ساقلىنىشى ئائىلىۋى بىرلىكنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئاتىنىڭ ياكى ئانىنىڭ ئاتالمىش «نوپۇز»ىنىڭ يوقالغانلىقىدىن تېخىمۇ دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئائىلە ئەزالىرىغا ھەقىقىي ھوقۇق، ھۆرمەت، ئەركىن- ئازادە ياشاش مۇھىتى تەمىنلىگەنلىك ئېتىبارىدا بۇنداق ئائىلە تېخىمۇ مۇستەھكەم، باراۋەر، ئىززەتلىك بولىدۇ. دۇنيا پەرق بىلەن گۈزەلدۇر، پەرق بىلەن رەڭگارەڭدۇر، ئوخشاشمايدىغان پەرقلەرنى سىغدۇرۇپ، پەرق ئىچىدىن ئورتاقلىق، باراۋەرلىك ئىزدىيەلەيدىغانلىقى بىلەن قەدىرلىكتۇر. ئائىلە بۇ رەڭگارەڭ دۇنيادىكى بىر باغدۇركى، ھەرخىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغاندىلا ئۇنىڭدىن خۇشپۇراق تارقىلىدۇ، دىماغلارغا ئەركىن- ئازادىلىك ۋە راھەتبەخش ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى