قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كىچىك ئىشلار ئۈچۈن كۆڭۈلنى زېدە قىلماڭ

2018-01-04 13:16:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

36 ياشلىق ليۇلى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى تېخنىك. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان دەسلەپكى چاغلاردا ئىشداشلىرى بىلەن ناھايىتى چىقىشاتتى، كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى. بارا- بارا ئۇ  ئىشداشلىرىدىن مېنى كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ دەپ ئاغرىنىدىغان، رەھبەرلىرىنى مېنى لايىق ئورۇنغا قويمىدى دەپ رازى بولمايدىغان، ھەتتا ئۇلار بىلەن پات- پات ئۇرىشىدىغان بولۇپ قالدى. توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئېرىنى ھېچ يەرگە بارغۇزماي قاتتىق باشقۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىدىمۇ، ئۆيىدىمۇ جېدەل بېسىقمايدىغان بولۇپ قالدى.
تۇرمۇشتا بەزىلەر كىچىككە ئوڭۇشسىزلىق، كېسەللىك ۋە ئىقتىسادىي چىقىم تۈپەيلىدىن ئۆزىگە روھىي ئازاب تېپىۋالىدىغان ئىشلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. يۇقىرىدىكى سۆزلەنگەن مەزمون دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇشنى، كىچىك ئىشلارنى دەپ كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.
كۆزى كىچىكلىك قىلماي، كۆڭلى- كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش بۇ خىل روھىي ئىللەتتىن خالاس بولۇشنىڭ ئاددىي يولى. يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
روھىي ئازادىيلىكنى قوغلىشىڭ.
روھىي ئازادىيلىكنى قوغلاشقاندا، كۆزى كىچىكلىكتىن ساقلانغىلى، ھەرقانچە نېرۋىنى غىدىقلايدىغان ئىشلار يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ روھىي كەيپىياتىڭىزنى ۋاقتىدا تەڭشەڭ.
غەم- قايغۇنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىش، كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش، خوشاللىق قوغلىشىپ يۈرۈش روھىي كەيپىياتنى نورمال تەڭشەشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى. شۇڭا، بۇ جەھەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
تۇرمۇشىڭىزنى مۇۋاپىق تەرتىپكە سېلىڭ.
تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش روھىي ئازادىلىككە ئېلىپ بارىدۇ. پىلانلىق، تەرتىپلىك ئىش قىلغاندا، پىسخىك نورمالسىزلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەڭ.
 تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان ئادەم ئاسانلا روھىي بىنورماللىق پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىللەتتتىن ئامال بار قۇتۇلۇپ كېتىش كېرەك. ئادەم ئۆزىنىڭ غەم- قايغۇلىرىنى يۇقىرقىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق پات- پات چىقىرىۋەتكەندە كۆڭلى ئازادىيلىشىپ، روھىي يۈكى يېنىكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتا خوشاللىققا، بەختكە چۈمەلەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى