قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېلىمىزنىڭ مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلىرى قازاقىستانغا يېتىپ باردى

2018-01-04 21:45:04     مەنبەسى:خەلق تورى   

ماتېرىيال سۈرەت

 خەلق تورى خەۋىرى: بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېلىمىزنىڭ مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلىرى 1-يانۋار قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شەھىرى ئالمائاتاغا يېتىپ باردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈركۈمدىكى مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى 2017-يىل 31-دېكابىر كەچ قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چىقارغان بولۇپ، 30 يۈك ئاپتوموبىلىدىكى 600 توننا زاكاز ئالما ئالمائاتا شەھىرىگە يەتكۈزۈلگەن. قورغاس چېگرىسى جۇڭگو-قازاقىستانغا كىرىپ-چىقىشتىكى مۇھىم يول، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلىرىنى غەربكە يۆتكەشتىكى مۇھىم يىغىش-تارقىتىش بازىرى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆسىتىلىشىچە، 2017-يىل يانۋاردىن نويابىرغىچە قورغاس چېگرىسى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە-چىۋە، كۆكتات 119 مىڭ 100 توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا %39.07 ئاشقان، شىنجاڭدىكى چېگرا ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنىڭ %58.2 ىنى ئىگىلىگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى