ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 2018- يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

2018-01-05 18:22:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بەردى

    مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باۋدىڭ، 3-يانۋار تېلېگراممىسى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى، بۇ، پۈتۈن ئارمىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قورال- ياراغلارنى تەقلەپ، ھەربىي مەشىق قىلىدىغان پەيت. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 1- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2018- يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بېرىپ، پۈتۈن ئارمىيەنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ تەلىپى بويىچە مەشىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.

  زىمىستان قىشتىكى شىمالىي جۇڭگونىڭ سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتسىمۇ، مەشىق مەيدانىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، مەيدان قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى − ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم تۈەنىنىڭ قارىغا ئېتىش مەيدانىدا 7000 دىن ئارتۇق كوماندىر- جەڭچى تولۇق قوراللىنىپ، ھەيۋەتلىك سەپ تۈزگەنىدى، 300 يۈرۈشكە يېقىن قورال- جابدۇق رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەت كۆرۈنەتتى. كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا «مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ 2018- يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. «ئەمەلىي جەڭ تەلىپى بويىچە مەشىقلەندۈرۈش، مەشىق بويىچە ئەمەلىي جەڭ قىلىش، مەشىق بىلەن ئەمەلىي جەڭنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»، «چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئارمىيەدە 4000 دىن ئارتۇق شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىملار دالا ئۇرۇشى بويىچە مەشىق باشلاش شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلغانىدى. چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىدىن ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگىچە، غەربىي شىمالدىكى چەكسىز قۇملۇقتىن شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىغىچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەركىزىدىن 10 مىڭ چاقىرىملىق چېگراغىچە ئۈچ ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر ھەيۋەت بىلەن سەپ تۈزۈپ، يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى، بۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پۈتۈن ئارمىيەنى تۇنجى قېتىم بىر تۇتاش تەشكىللەپ مەشىق باشلاشقا سەپەرۋەر قىلىشى، شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مەشىق، ئورۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى بىر قېتىملىق يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىشى.

  سائەت 10دا، شى جىنپىڭ ھەربىي فورما كىيىپ كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا چىقتى. مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى باشلاندى، كوماندىر- جەڭچىلەر يۇقىرى ئاۋازدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە مارشىنى ئېيتتى، جاراڭلىق ناخشا ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، گازارمىلاردا ياڭرىدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بەردى. ئۇ مۇنداق بۇيرۇق بەردى: ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىش بويىچە، قەتئىي تەۋرەنمەي ھەربىي مەشىقنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەركىزىي خىزمەت قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. رەھبەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەپ، ئەمەلىي جەڭ، ئەمەلىي مەشىق قىلىش، بىرلەشمە جەڭ ۋە بىرلەشمە مەشىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پىروگرامما بويىچە مەشىق قىلىش، مەشىقنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مەشىق ئىستىلىنى توغرىلاپ، مەشىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەشىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشىق قىلىشنى نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھەربىي مەشىق، ماھارەت سىنىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىققا ئىگە، قارشىلىشىش مەشىقلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنى ئەمەلىي جەڭگە يېقىنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار- يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ، ئىلمىي مەشىق قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، رەقىبىدىن باتۇرلۇق بىلەن ئېشىپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن قۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئادا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  باش قومانداننىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەن، پۈتۈن ئارمىيە بىردەك ھەرىكەتكە كەلدى. مەشىق باشلاش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكى كوماندىر- جەڭچىلەر چاقناپ تۇرغان «1- ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ھەربىيلەر قەسىمى بەردى. ھەربىي بايراق لەپىلدەپ، قەسەم ساداسى ياڭراپ، كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەنلا، ھەممە شۇ ھامان ھەرىكەتكە كەلدى. پۈتۈن ئارمىيەنىڭ 2018- يىللىق ھەربىي مەشىقى رەسمىي باشلاندى، ھەر قايسى قىسىملار پىلان بويىچە مەشىقنى باشلىۋەتتى. ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا كوماندىر- جەڭچىلەر تانكىلارغا چىقىپ، سەپكە كىرىپ، مەشىقنى تېز قانات يايدۇردى، چاقىرىق سىگناللىرى پەلەككە يەتتى، تانكا- بىرونېۋىكلار گۈرۈلدەپ، توپا- چاڭ كۆتۈرۈلۈپ، جۇشقۇن كۆرۈنۈش نامايان بولدى. شى جىنپىڭ نەق مەيداندا ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ مەشىق رايونىغا توپلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چىرايىدا رازىمەنلىك جىلۋىلەندى.

  شى جىنپىڭ سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ھەر قايسى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ دالا شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدىكى مەشىق باشلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى جۇڭگو زېمىنى قار- مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم بىرىكمە لۈسىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرى شىۋىرغانغا قارىماي، ھەقىقىي ئوقتا ئەمەلىي مەشىقنى قانات يايدۇردى؛ جەنۇبىي جۇڭگودىكى ھەربىي پورتلاردا دولقۇنلار مەۋج ئۇرماقتا ئىدى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتى قۇرۇقلۇققا چىقىش- قاچىلاش مەشىقىنى قانات يايدۇردى؛ ئوتتۇرا خېبېينىڭ بىپايان تۈزلەڭلىكىدە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم تەجرىبە- مەشىق بازىسىدا ھاۋادا قارشىلىشىش، يەر يۈزىگە تۇيۇقسىز زەربە بېرىش مەشىقى قانات يايدۇرۇلدى؛ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىق، ئورمانلىقلاردا راكېتا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈسى سىناق تەرىقىسىدە يۆتكەش مەشىقىنى قانات يايدۇردى؛ بېيجىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى، قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى تاسادىپىي ئەھۋالنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەشىقىنى قانات يايدۇردى...

  تانكىلار توختىماي كەلدى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى تېز ئۈزدى، ئايروپىلانلار جىددىي ئۇچۇپ كۆككە كۆتۈرۈلدى... پۈتۈن ئارمىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئەمەلىي جەڭ بويىچە ھەربىي مەشىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ 2018- يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بەردى.
  سۈرەتتە: سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى قىسىملار مەشىق باشلاش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەشىقنى باشلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى