قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

2018-01-05 18:22:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1- ئاينىڭ 3- كۈنى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا 2017- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈمنى ئىلمىي يەكۈنلىدى، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلەپ، سىياسەت يۆنىلىشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك تەكىتلىدى، ئۇنىڭغا دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم بىلەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇل ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈلگەن، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ نادىر ئەسىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا يېتەكلەش جەھەتتە ياخشى قەدەم ئېلىشىدىكى تۈپ مىزان ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2017- يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل − پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەرگە زىچ باغلاپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش تەلىپى بويىچە، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ماكرولۇق تەڭشەشتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، زور خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكەل جېڭىنى ياخشى قىلىش جەھەتتە مۇقىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، كۆزلىمىنى يېتەكلەش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى قوغداش كېرەك. بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەشتە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ئالاھىدىلىكنى چىڭ ئىگىلەش، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش، دىققەتنى يېڭى تەلەپكە مەركەزلەشتۈرۈش، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى گەۋدىلىك ياخشى قىلىش، «توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى چىڭ تۇتۇش، «بىر ياخشى مۇھىت» يارىتىش كېرەك.

  بىرىنچى، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش كېرەك. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۆۋەن چەكنى قەتئىي پۇختا ئىگىلەش كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىنى چىڭىتىش، سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق − ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ئىگىلەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، «توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. 1. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مۇھىم ئامىلنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى قەتئىي بوشاشماي تۈگىتىش، تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى زور كۈچ بىلەن تۆۋەنلىتىش، يېڭى ئېنېرگىيە يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2. ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى راۋاجلاندۇرۇش؛ 2- كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، سانائەتنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، گۈللەنمە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇش؛ 3- كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مۇلازىمەت كەسپىنى زورايتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەتچىلىكنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. 3. ھەر خىل بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە مۇھىم ئامىلنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مۇھىم ساھە بىلەن ئاچقۇچلۇق ھالقا ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، بازار مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىكرو سۇبيېكتنى جانلاندۇرۇش، دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 4. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر روناق تاپقان بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزىلار مەدەنىي بولۇش، تۈزەش ئۈنۈملۈك بولۇش، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. 5. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە، يىراق كەلگۈسى بىلەن ھازىرقىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن كۈچەيتىپ، ھەم سىجىل كۈچەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھەم قارىغۇلارچە ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، قاتتىق ئىشلەپ، تېز يۈكسىلىش كېرەك. 6. ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. 7. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مالىيە، باج مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە باج يىغىپ، يىغىشقا تېگىشلىك باجنى تولۇق يىغىپ، مالىيە مەبلىغىنى تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، مالىيە چىقىمى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ياخشىلاش؛ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە سۇبيېكتىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. 8. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. 9. بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، بىڭتۈەننىڭ كۈچىيىشى شىنجاڭنىڭ كۈچىيىشى، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە رايونلۇق ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، «ياخشى مۇھىت يارىتىش» كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشت تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»نى ياخشى قىلىپ، «ئۈچ بىرلەشمە ھەرىكەت»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەڭنى جەڭگە ئۇلاپ قىلىپ، تۈگۈنمۇ تۈگۈن تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش- ئەمەلدە كۆرسىتىشنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش، يېڭى نىشانغا يېتىش، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا ۋە زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىستىلنى، مۇھىتنى زېھىن ۋە كۈچنى ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا، ياخشى مۇھىت يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈش؛ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېسىمنى قاتلاممۇ قاتلام چۈشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، تەكشۈرۈشكە، مۇكاپاتلاشقا ۋە جازالاشقا، زۆرۈر بولغان ئىشتىن كېيىنكى باھالاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى بالدۇر پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھازىرقى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، يېزىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى ئائىلىلىرىنىڭ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەرنىڭ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. بازار تەمىناتى كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم تاۋارلار، بولۇپمۇ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار تەمىناتى ۋە باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك، دورا، سەھىيە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت سالمىقىنى نۇقتىلىق ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، خەۋپنى مەنبەدىن تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى