ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى توپلاپ سەرخىل ئۇرۇش كۈچى بەرپا قىلىش كېرەك

2018-01-06 21:53:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 3- كۈنى ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

    سۈرەتتە: شى جىنپىڭ بۇ شىدىكى رازۋېدكا قەھرىمانى ياڭ زىرۇڭنىڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەندىكى كوماندىر- جەڭچىلەر بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باۋدىڭ، 4- يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 3- كۈنى ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، رەقەملەشكەن قىسىم قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى توپلاپ سەرخىل ئۇرۇش كۈچى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بارلىق كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلىدى.

  يېڭى يىل كىرگەندە، خېبېي زېمىنىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. 1- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم شىسىغا كەلدى. ئۇ ئاۋۋال قىسىمنىڭ قورال- ياراغلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. نەچچە ئون يۈرۈش رەقەملەشكەن قورال- ياراغلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، سۈرلۈك- ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، ئارىلاپ توختاپ سوئال سورىدى. يەر يۈزى زەربىدار سىستېمىسى قوراللىرى ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ A99 تىپلىق تانكىنى قىزىقىپ كۆردى. بۇ، دۆلىتىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى ئەۋلاد ئاساسلىق ئۇرۇش تانكىسى بولۇپ، «قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى شاھى» دېگەن نامى بار. ئوت كۈچى زەربە بېرىش سىستېمىسى قوراللىرى ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ «قىزىل ئوقيا- 10» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئاپتوموبىلىغا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىمنىڭ پەن- تېخنىكا ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ئىقتىدار ئەۋزەللىكى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  ئارقىدىنلا شى جىنپىڭ رازۋېدكا- ئاخبارات يىڭىنىڭ مەشىق مەيدانىغا كەلدى. بۇ يىڭنىڭ رازۋېدكا 2- ليەنى رازۋېدكا قەھرىمانى ياڭ زىرۇڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەن بولۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «قەھرىمان رازۋېدكا ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن. شى جىنپىڭ مەرگەنلەرنىڭ ئاكوپ ياساش ۋە نىقابلاش مەشىقىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، رەقەملەشكەن يالغۇز ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ رازۋېدكا ئەسكەرلىرىنىڭ جۇشقۇن ھالىتىنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدى.

  شى جىنپىڭ يېڭىدىن قىسىمغا كىرگەن ئەسكەرلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلدى. مەشىق مەيدانىدا، 2- ليەننىڭ جەڭچىلىرى رازۋېدكا قىلىش ۋە ئېلىشىش ماھارىتىنى مەشىق قىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ يېڭى جەڭچىلەر ئارىسىدا ئىقتىدارلىقلار ۋە كەسىپ ئەھلىنىڭ كۆپلۈكىنى، بەزىلىرىنىڭ دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ كۆپ يىل جانبازلىق مەشىق قىلىپ، چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەردە مۇكاپات ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ماختىدى. جەڭچى شۈ داچىڭ بىر يۈرۈش جانبازلىق ماھارىتىنى ئورۇنلاپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. شى جىنپىڭ ئۇلارنى رازۋېدكا ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، ياڭ زىرۇڭچە رازۋېدكا قەھرىمانى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، شى جىنپىڭ خوشاللىق بىلەن ئۇلارنى يېنىغا چاقىردى، كۆپچىلىك شى جىنپىڭنى ئورىۋالغان بولۇپ، چىرايىدا بەخت ۋە خوشاللىق جىلۋىلىنەتتى. خوشلىشىدىغان چاغدا، پۈتۈن مەيداندىكى كوماندىر- جەڭچىلەر شى جىنپىڭ بىلەن خوشلىشىشقا كۆزى قىيماي «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىمىز، ئىستىلنى ياخشىلايمىز» دەپ توۋلاپ، كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى قەتئىي ئاڭلاپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ تەقلىدىي مەشىق مەركىزىگە كېلىپ، شى ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە قاراشلىق قىسىمدىكى تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنى قوبۇل قىلغاندا، كۆپچىلىك بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىنلا شى جىنپىڭ شى تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ سۈرەت ۋە بۇيۇملارنى بىر- بىرلەپ تەپسىلىي كۆردى. بۇ شى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە سۇڭگۇ چوققىسىدا قىلغان كەسكىن جەڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا: بۇ جەڭ كەسكىن بولغان، كوماندىر- جەڭچىلەر قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلغانىدى. ئارمىيەمىز ئەزەلدىنلا جاسارەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان روھقا ئىگە بولۇپ، ئىلگىرى قورال ئاز، روھ كۆپ ئىدى، ھازىر قورال كۆپ، روھىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇستىخىنىمىز تېخىمۇ چىڭ بولۇشى كېرەك، دېدى.

  ئارقىدىنلا شى جىنپىڭ بۇ شىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي تەلىم- تەربىيەنى كۈچەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، پۈتۈن زېھنىمىزنى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۇرۇش قىلىش يۆنىلىشىگە بەكرەك كۈچەپ، رەقەملەشكەن قىسىم ئۇرۇشى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش ئۇقۇمى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، ھەر خىل كۈچ، ھەرقايسى سىستېما، تۈرلۈك مۇھىم ئامىل قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىشىمىز، ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە ئۇرۇش سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى شەكىللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش سىستېمىسىغا ئورگانىك ئۆزلىشىشىمىز كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىشتات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ پەن- تېخنىكا ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن پائال ئەمەلىي ئىزدىنىشىمىز كېرەك. سىياسىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، گۇتيەندە ئېچىلغان پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسىملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار رەقەملەشكەن قىسىم ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق يېڭى ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كوماندىر- جەڭچىلەرگە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىمىز، ئاساسىي قاتلامدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن «مىكرو چىرىكلىك» ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى