قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دادامنىڭ كەتمىنى

2018-01-09 19:55:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادىلجان

 ئەتىگەندە ئۆيدىكىلەر ناشتىلىق قىلىۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز سىنىپ مۇدىرىمىز ئامىنە مۇئەللىم ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئامىنە مۇئەللىمنى كۆرۈپ ناھايىتى چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى مۇئەللىمنىڭ مېنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئۆگىنىش نەتىجەم توغرۇلۇق ياكى مېنىڭ ئالدىنقى كۈنى مەكتەپتە قىلىپ قويغان بىمەنە ئىشلىرىم ئۈچۈن كەتگەنلىكى  ئېنىق ئىدى.
 مۇئەللىم ئۆيدىكىلەر بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن دادامنى سىرتقا ئاچىقىپ كەتتى. دادام كىرگۈچە كاللامنى ھەرخىل خىياللار چىرمىۋالدى.
 بىر ئازدىن كېيىن دادام ناھايىتى خاپا ھالەتتە قايرىپ كىردى ھەمدە بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن يەنە سىرتقا چىقىپ كەتتى. مەنمۇ دادامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چىقتىم. دادام باغقا كىرىپ بوۋامدىن قالغان كەتمىنىنى قولىغا ئالدى-دە، ئالدى تەرەپتىكى ئېرىقنى بار كۈچى بىلەن چېپىشقا باشلىدى. مەن دادامغا بىر ھازاغىچە قاراپ تۇردۇم. مەن ئەزەلدىن دادامنى ئاچچىقىنى يەردىن ئالغان مۇنداق ھالەتتە  كۆرۈپ باقمىغانىدىم
دادامنىڭ پېشانىسىغا چۈشكەن ھەر تامچە تەر خۇددى مەرۋايىتتەك يالتىرايتتى. مەن ئاستاغىنە دادامنىڭ يېنىغا باردىم-دە، دادامنىڭ قولىدىكى كەتمەننى ئېلىشقا قولۇمنى ئۇزاتتىم.
دادام قولىدىكى كەتمەننى ماڭا تۇتقۇزغاچ ئاشۇ كۆپ جەبىر- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ قارىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپلا دادامنىڭ ماڭا نەقەدەر ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.
مەن ئەزەلدىن كەتمەن چېپىپ باقمىغاچقا، كەتمەننى ئاران كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇردۇم. شۇنداق قىلىپ يەرگە نەچچە ئون كەتمەن سالا- سالمايلا چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم ھەمدە كەتمەن چېپىشنىڭ ھەقىقەتەن جاپالىق ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىشىمنىڭ جاپاسى بىلەن دېھقانچىلىقنىڭ جاپاسىنىڭ ئاسمان- زېمىن پەرق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
راست، مەن ھەقىقەتەن بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنىدىم. كۈنلىرىمنى تورخانىلاردا، بىليارتخانىلاردىلا ئۆتكۈزىۋەتكەنىدىم. مانا ئەمدى مەن دادامنىڭ «ياخشى ئوقۇ، ئوغلۇم» دېگەن سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم-دە، دادامغا:
-دادا، مېنى كەچۈرۈڭ  مەن گۆدەكلىك قىپتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىمەن، ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمەن، -دېدىم. بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ دادام كۈلۈمسىرىگىنىچە قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ مېنى ئۆيگە باشلاپ ماڭدى ھەمدە يول بويى ماڭا بىر مۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلدى. مەنمۇ ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ ئوقۇيدىغانغا دادامغا ۋەدە بەردىم.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى