قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېپىشماقلار...

2018-01-09 19:57:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇنىڭدا بار دېڭىز- ئوكيان،
بىراق ئۇنىڭ دولقۇنى يوق.
تۇرار ئەنە تاغ ۋە داۋان،
بەكمۇ تىمتاس، شاۋقۇنى يوق.
جاۋاب: خەرىتە
 
بىر كۆۋرەك بار باغچامدا،
چىقتىم ئاڭا بېرىلىپ.
ماڭا راھەت ئۈستىدىن،
چۈشۈپ ئويناش سىيرىلىپ.
جاۋاب: سىيرىلغۇچ
 
ئىككى ئارقان ئېسىقلىق،
ئاۋۇ يوغان دەرەخقە.
مەن ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ،
ئۇچتۇم ئاسمان- پەلەككە.
جاۋاب: ئىلەڭگۈچ
 
ئەنە كۆكتىن چوڭ بىر گۈل،
چۈشمەكتە راۋان.
گۈل ئاستىدا بار ئىكەن،
قەيسەر قەھرىمان.
جاۋاب: پاراشوت
 
ئىشىكىڭگە چاپلاقلىق،
كۇنۇپكىسى بەتلەكلىك.
مېھمان كەلسە ئۆيۈڭگە،
سايراپ كېتەر ئەدەپلىك.جاۋاب: ئىشىك قۇڭغۇرىقى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى