قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈزەل ماكاندىكى «ئاق بايلىق»

2018-01-09 18:34:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  قاناس ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇم كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قار بايرىمىدا، شۇ جايدىكى ئامما ساياھەتچىلەرگە ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنىنى كۆرسەتمەكتە. (سۈرەت 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تارتىلغان)

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىمالىي شىنجاڭ قېلىن قار مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ. قىشتا ياغقان قار بايلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، قار بۇ جايدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

  مەملىكەت بويىچە داڭلىق مەنزىرە رايونى − گۈزەل ماكان قاناسنىڭ قىشلىق ساياھىتى كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتتى. قاتناش ۋە ياتاق شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى قىشتا ئالتاي تاغلىرىنى ساياھەت قىلىپ، بۇ تىمتاس گۈزەل ماكاننىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

  قازاق چارۋىچى سەۋلې شەكىن قاناس قۇم كەنتىدىكى كۆركۈم چوققىسى ئېتىكىدە ئولتۇرىدۇ، ھازىر «دىنار ئۆيى» دېگەن ئاۋۇل ئارامگاھىنى ئېچىۋاتىدۇ. ئۇ ئىلگىرى بۇ ئارامگاھىدا ياز ۋە كۈزدىلا ساياھەتچى كۈتەتتى، ھازىر قىشتىمۇ ساياھەتچىلەرنى كۈتىدىغان بولدى. ئۇ 2017- يىلى 11- ئايدىن ھازىرغىچە 400گە يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. ساياھەتچىلەر سەۋلې شەكىننىڭ ئۆيىدە قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائاملىرىدىن ئات گۆشى نارىنىغا ئېغىز تېگەلەيدۇ، ئەتكەن چاي ئېچەلەيدۇ. سەۋلې شەكىن مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئائىلىمىزنىڭ ھەر يىلى ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمىمىزنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى، ھازىر بىز يازدىلا ئەمەس، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان بولدۇق.

  قىشتىكى ساياھەت جىمجىتلىققا چۆمگەن قاناسنى قايتا جانلاندۇردى، شۇ يەردىكى ئامما پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر خىل مىللىيچە خاسلىققا ئىگە مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، قاردىن پايدىلىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    قاناس قۇم كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قار بايرىمىدا، شۇ يەردىكى ئامما ساياھەتچىلەرگە قەدىمكى ئۇسلۇبتا ياسالغان چاڭغىدا ئىپتىدائىي ئوۋ ئوۋلاش مۇسابىقىسىنى كۆرسەتمەكتە. (سۈرەت 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تارتىلغان)

    قاناس قۇم كەنتىدىكى «دىنار ئۆيى»دە خوجايىن سەۋلې شەكىن ساياھەتچىلەرگە قازاقلارنىڭ مەززىلىك ئات گۆشى نارىنىنى تېتىپ بېقىشقا سۇنماقتا. (سۈرەت 1- ئاينىڭ 2- كۈنى تارتىلغان)

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى