قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ

2018-01-10 19:59:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

   تۇرمۇش خۇددى خېتى يوق كىتابقا ئوخشايدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، تۇرمۇش يېشىلىش ئۇسۇلى كۆپ خىل مەسىلىگە ئوخشايدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسىلىگە بەرگەن جاۋابى ئوخشىمايدۇ، تۇرمۇش قېنىىق ۋە سۇس دەملەنگەن چايغا ئوخشايدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەم سەزگۇسى ئوخشىمايدۇ.
قايغۇرغان چاغلىرىڭىزدا ئۆزىڭىزگە: قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىم تۇرمۇشۇمنى راھەت، خوشال، بەخىتلىك ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن دەڭ. ياشىغان ئىكەنسىز خاتىرجەم ياشاڭ، ھاياتتا ئۆكۇنۇشىڭىز بولمىسۇن، ھارسىڭىز بىردەم ئارام ئېلىڭ، سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم، ھەممە ئىشنى مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ، زېرىكسىڭىز كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ، تېز ماڭغان بولسىڭىز بىر دەم توختىۋېلىپ، ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىڭ.
ئازاپلانسىڭىزمۇ بىر كۇنىڭىز ئۆتىدۇ، خوشال بولسىڭىزمۇ ھەم شۇنداق، غەم ـ ئەندىشىدە يۇرسىڭىزمۇ بىر يىلنى ئۆتكۇزىسىز، خۇشال يۇرسىڭىزمۇ بىر يىلنى ئۆتكۇزىسىز، شۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا كۇنلىرىڭىزنى خوشال ـ خورام ئۆتكۇزمەيسىز، تۇرمۇشتا ئايىغى يوق ئىشلارغا كىرىشىپ قالماڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ راھەتلىنىسىز، كۆڭلىڭىزمۇ ئارام تاپىدۇ، يالغۇز قالغىنىڭىزدا چوقۇم غەيرەتلىك بولۇڭ.
ئادەم بۇ دۇنياغا بىر قېتىملا كېلىدۇ، شۇڭا ھەرگىز ھارغىن ياشىماڭ، ساغلام پىسخىكا ھالىتىڭىزنى ساقلاڭ. ھەر بىر كۇنىمىزنى ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتىمىز بىلەن ئۆتكۇزەلىسەك، كۇنلىرىمىز شادلىققا چۆمىدۇ، ئۇمىدۋارلىققا تولىدۇ. دۇنيا چىرايلىق سەھنىگە ئوخشايدۇ، ھەر بىر ئادەم ئاساسلىق رولچىدۇر. ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەيدۇ. بەلكىم ھىكايىڭىز ئۇنچە ئېسىل چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىزگە چاۋاك چېلىشنى ئۇنۇتماڭ، ئۆزىڭىز ئۇچۇن ئالقىش ياڭرىتىڭ. غەلبە مۇنداقلا قولغا كېلىپ قالغان ئەمەس، مەغلۇبىيەت ئاخىرلىشىشىتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھاياتلىقتا ئۆزىڭىزنى تاۋلاپ قەيسەر بولۇڭ، تۇرمۇشتا ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلىرىڭىزنى كۇچكە ئايلاندۇرۇڭ، ئارزۇ ـ ئارمانلىرىڭىز ئۇچۇن تىرىشىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن بارچە كۆڭۇلسىزلىكنى ئۇنتۇپ، ھەر بىر كۇنىڭىزنى خوشال ـ خورام، مەنىلىك ئۆتكۇزۈڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى