ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2018-01-10 17:49:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى مۇكاپاتلىدى

 دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2017- يىللىق دۆلەتنىڭ ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نەنجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ زېشەن(ئوڭدا) بىلەن جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئورنىنىڭ ئاكادېمىكى خۇ يۈندې(سولدا)غا تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

          لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى، جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلىدى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2017- يىللىق دۆلەتنىڭ ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نەنجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاكادېمىك ۋاڭ زېشەن بىلەن جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئورنىدىكى ئاكادېمىك خۇ يۈندېغا تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلارنى قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، مۇكاپاتلانغان بارلىق خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم سەمىمىي سالام يوللىدى، ئېلىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە مەدەت بەرگەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئېلىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ سىجىل بولغان پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن- تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا يۈزلىنىپ، ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي پەنلەر بىلەن ئەمەلىي قوللىنىشچان پەنلەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىپ، ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى «بوغما ھالەت» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا يۈزلىنىپ، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، بۇلغىنىشنى تۈزەش قاتارلىق ساھەلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېز يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كارخانىلارنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇشتا كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى قوللاش توغرىسىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان تۈرلۈك ئامىللارنى كارخانىلارغا مەركەزلىشىشكە يېتەكلەش كېرەك. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى ئادەم، پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوقۇم چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ۋە باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ زور ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچنى ئىدارە قىلىش، تېخنىكا لۇشيەنىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بېرىپ، تۆھپىكار پەن- تېخنىكا خادىملىرىنى ھەقىقىي نام ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈپ، خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ چوڭ- چوڭ پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئىلمىي سانلىق مەلۇمات ۋە ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلەرنىڭ جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىش تورىغا قوشۇلۇپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: كەڭ پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتلانغانلارنى ئۈلگە قىلىپ، ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلققە رىشتە باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل ھالقىپ، پەن- تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ 2017- يىللىق دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.

  ۋاڭ زېشەن مۇكاپاتلانغانلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  مۇكاپاتلاش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، شېن يۆيۆ، ياڭ جىڭ، ۋەن گاڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارمۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شۇنداقلا ئارمىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەت پەن- تېخنىكا، مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، پايتەخت پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ۋەكىللەردىن بولۇپ جەمئىي 3300دەك ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

  271 تۈر ۋە توققۇز پەن- تېخنىكا مۇتەخەسسىسى 2017- يىللىق دۆلەت پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشى دۆلەتنىڭ ئالىي پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 35 تۈر دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تۈر 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 33 تۈر 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 66 تۈر دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تۈر 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 62 تۈر 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 170 تۈر دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈر ئالاھىدە مۇكاپاتقا، 21 تۈر 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ( يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 146 تۈر 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى يەتتە پەن- تېخنىكا مۇتەخەسسىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى