قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇئەللىم ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ

2018-01-12 18:07:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

توقسۇن ناھىيەسى ئىلانلىق بازىرى ئىلانلىق كەنتىدىكى ئادىلە ئەخمەت تولىمۇ خۇشال ئىدى، چۈنكى بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياڭ شيا ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانىدى، ياڭ شيا ئۇنىڭ قىزى ساھىبە ۋارىسجانغا دەرس تەكرارلاپ بەرگەندىن سىرت، ئۆيدىكىلەرگە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، قەغەز قىيما ماھارىتى ئۆگەتتى ھەم پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۇلار بىلەن بىللە ئۆگەندى.
بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ 2- تۈركۈمدە تۇغقانلاشقان ئائىلىلەرگە بېرىپ، «ئۆيىدە تۇرۇپ ئائىلە زىيارىتى قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئىدى، ئۇلار ئوقۇغۇچىلار، ئاتا- ئانىلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئۆگىنىشتە، ئەمگەكتە بىللە بولدى، ھال- مۇڭلاشتى، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، تەڭ ئىلگىرىلىدى.
 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ تۇرپان شەھىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «ئۆيىدە تۇرۇپ ئائىلە زىيارىتى قىلىش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، پائالىيەتكە پۈتۈن شەھەردىكى 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچى قاتناشتى. قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى ئالدىن زىيارەت قىلىش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىلدى، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يۈزتۇرا ئۇچراشتى.
 ساھىبە ۋارىس مۇنداق دېدى: دەرستە چۈشىنەلمىگەن مەزمۇنلارنى ياڭ مۇئەللىم تەكرار قىلىپ بەردى، مەن بەك خۇشال بولدۇم. ياڭ مۇئەللىمنى ئۆيىمىزدە تۇرۇپ، دەرس تەكرارلىشىمغا ياردەم قىلسا، دەپ ئارزۇ قىلىمەن.
ساھىبە ۋارىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تولىمۇ مېھماندوست بولۇپ، ياڭ شيا بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتتى، ئۇلار تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى، كەچتە بىللە تۈگرە تۈگدى. ياڭ شيا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ساھىبە ۋارىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، تۇغقاندارچىلىق مېھرىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «ئۆيىدە تۇرۇپ ئائىلە زىيارىتى قىلىش» پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداش قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا بىللە بولۇپ، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئەمگەك قىلىش، بىللە سۆھبەتلىشىش، بىللە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.
ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر شەرقىي قوۋۇق كەنتىدىكى ئادىل مىجىت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ما مۇئەللىم پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى مائارىپقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن مائارىپقا ئالاقىدار سىياسەتلەردىن تولۇق خەۋەردار بولدۇم ھەم بۇنىڭدىن ئىلھاملاندىم. مەن ياخشى ئوقۇپ، يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن. ئۆيىمىزدە تۇرۇۋاتقان ئۈچ مۇئەللىم بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدىم، بىز بىللە ئۆگەندۇق، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە بىللە قاتناشتۇق، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال.
 تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۆمىن ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: ھەپتە ئاخىرىدىن پايدىلىنىپ قانات يايدۇرۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «ئۆيىدە تۇرۇپ ئائىلە زىيارىتى قىلىش» پائالىيىتىدە تۇرپان شەھىرىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر 4 مىڭ 127 ئائىلە زىيارىتى ئوبيېكتىغا 4 مىڭ 300 دىن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، 6 مىڭ 144 ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەم قىلدى. پۈتۈن شەھەردىكى ئون نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشتى، پائالىيەت 10 مىڭ ئائىلە، 50 مىڭ ئاتا- ئانا، تۇغقان ۋە قوشنىلارنى قاپلىدى، ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ مەكتەپ تەربىيەسىنى قوللىشى ۋە چۈشىنىشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى ئارقىلىق ئورتاق تەربىيەلەش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى.
ۋۇ دۇڭيا توقسۇن ناھىيەسى بوستان مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6- يىللىقىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ ئوقۇغۇچى، كىچىكىدىنلا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ۋۇ دۇڭيانىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئايشەمگۈل ساتتار مۇئەللىمنىڭ «ئۆيىدە تۇرۇپ ئائىلە زىيارىتى قىلىش» ىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى ئىدى. ئايشەمگۈل ساتتار مۇنداق دېدى: بىز بىللە تاماق ئېتىپ يېدۇق، بىللە ئۆگەندۇق، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بەردىم.
  ئەقىللىق ۋۇ دۇڭيا ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرگەن ھەر بىر مەسىلىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئوقۇتقۇچى ئۆگەتكەن مەزمۇنلارنى تەپسىلىي خاتىرىلىۋالدى ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرچە جۈملە تۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرچە جۈملە تۈزۈشتە قىينىلاتتىم، ئايشەمگۈل مۇئەللىمنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشىدە جۈملە تۈزۈشنى ئۆگەندىم.
 تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يېچىن مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «ئۆيىدە تۇرۇپ ئائىلە زىيارىتى قىلىش» پائالىيىتىدە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئىشەنچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى ۋاسىتە قىلىنىپ، كۆڭۈل ئىزھار قىلىش، ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش مەقسەت قىلىنغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى