قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش كېسەللىك تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

2018-01-11 18:08:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش كېسەللىك تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، تىزىملىكنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. تىزىملىككە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون بويىچە 2- دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش كېسەللىك تۈرى تىزىملىكى دائىم كۆرۈلىدىغان 603 خىل كېسەللىك، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى؛ ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى يەنى مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، يېزا- بازارلىق شىپاخانا، كەنت شىپاخانىسى ۋە 1- دەرىجىلىك، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن تۆۋەن جەمئىيەت باشقۇرۇشىدىكى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش كېسەللىك تۈرى، دائىم كۆرۈلىدىغان 81 خىل كېسەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىزىملىك خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن قەرەلسىز تەڭشىلىدۇ ۋە تولۇقلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، دىياگنوز قويۇش- داۋالاش كېسەللىك تۈرى تىزىملىكىنى ئىجرا قىلىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئالاقىدار تارماقلار داۋاملاشما سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت نىسبىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش- داۋالاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى