قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقلاردىن ھۇزۇرلىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى

2018-01-11 20:00:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئائىلە خۇشاللىقى. بۇ ئەر- ئايال، ئاتا- ئانا، بالا- چاقا ۋە قوۋم- قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭشەشتىن كېلىپ چىقىدىغان خۇشاللىق بولۇپ، ئەر- ئايال ئىناق، ئاكا -ئىنى، ئاچا- سىڭىللار ئىجىل، پەرزەنتلەر ۋاپادار بولسا، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ماكان بەختنىڭ بۆشۈكىگە ئايلىنىدۇ.
ھەرىكەت قىلىشتىن ئېرىشىدىغان خۇشاللىق. مەيلى تەنتەربىيەنىڭ قانداق شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇڭ ياكى باشقا پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇڭ، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش تەننى ساغلام قىلىپلا قالماي، يەنە روھىي بېسىمنىمۇ يېنىكلىتىدۇ، زېھنىڭىزنى ئوچۇق، روھىي ھالىتىڭىزنى خوشال قىلىدۇ.
مۇڭدىشىش، سىردىشىشتىن ئېرىشىدىغان خۇشاللىق. ئادەم ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن خالىغان تېمىدا پاراڭلىشىپ ئىچ قارنىنى بوشىتىۋالسا، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپلا قالماي، يەنە پىسخىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ.
ياردەم بېرىشتىن ئېرىشىدىغان خۇشاللىق. ئەتراپىدىكىلەرگە قولىدىن كېلىشچە ياخشىلىق قىلىش، ياردەم بېرىش ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ، باشقىلار قىلغان ياخشىلىقلارنى ئەستە تۇتۇشى كىشىنى ھەقىقىي خۇشاللىققا ۋە راھەت كەيپىياتقا چۆمدۈرىدۇ.
ئەپۇ قىلىشتىن ئېرىشىدىغان خۇشاللىق. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا خۇي-پەيلى، مىجەز خاراكتېرى بولىدۇ. شۇنىڭغا يارىشا باشقىلارنى رەنجىتىپ قويىدىغان، دىلىغا ئازار بېرىپ قويىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا باشقىلارغا كەڭ قورساق بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭ نۇقسانلىرىنى ئەپۇ قىلغاندا، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن خۇشاللىق تاپقىلى، ئەركىن- ئازادىلىككە، خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن.
سەۋر تاقەتتىن ئېرىشىدىغان خۇشاللىق. بىزدە «سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر» دەيدىغان ھېكمەت بار. خۇددى شۇنىڭدەك سوغۇققان، ئەستايىدىل ۋە تەمكىن بولغاندا، بىھۇدە زىياندىن ساقلانغىلى، خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
يېشىنى ئۇنتۇپ ياشاشتىن كېلىدىغان خۇشاللىق. كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولۇپ جانلىق، تېتىك ھالدا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ۋاقتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمىگەندە، خۇشاللىق ھەر ئادەمگە مەنسۇپ بولىدۇ.
ئۈگىنىشتىن ئېرىشىدىغان خوشاللىق. بىلىم ئىگىلەشنىڭ ھوزۇرى باشقىچە بولىدۇ. ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ساھەدە تىرىشسا، ئىزدەنسە ۋە داۋاملىق ئۆگەنسە، زېرىكىشنى بېسىپلا قالماي يەنە ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى يارىتالايدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا ساغلام خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ.
ئەمگەك قىلىشتىن ئېرىشىدىغان خۇشاللىق. مۇۋاپىق جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئىچكى- تاشقى ئەزالارنىڭ چېنىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ روھنى ئۇرغۇتقىلى، تەن ساغلاملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى، خۇشال كەيپىيات ياراتقىلى بولىدۇ.
شۈكۈر- قانائەت قىلىشتىن ئېرىشىدىغان خۇشاللىق. قول ئىلكىدىكى بارىغا قانائەت قىلىش كىشىنى خاتىرجەملىككە ۋە روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۈرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى