قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېرىڭىز كۈيىنىشىڭىزگە مۇھتاج

2018-01-11 20:01:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەمەلىيەتتە ئەرلەر ئاياللار ئويلىغاندەك ئۇنداق قەيسەر ئەمەس. ئۇلارنىڭ قەيسەرلىكى شۇ يەردىكى، ئۇلار ھايات مۇساپىسىدە دۇچ كەلگەن ئۇۋۋالچىلىق، چۈشكۈنلۈك، مەغلۇبىيەت، ئاغرىق ئازابى، ئۈمىدسىزلىك، تۇرمۇش بېسىمى ۋە كىشىلىك ھاياتنىڭ بارلىق بېسىملىرىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كۆمۈۋېتىپ ئالدىراپ ئېغىزىدىن چىقارمايدۇ، ھەتتا ئىش- ئەمىلىيىتى، سۆز ھەركىتىدە ئىپادىلەپمۇ كەتمەيدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلانغان بولىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلىنىپ، خۇددى «كومپىيوتېر ۋىروسى» غا ئوخشاش بىر- بىرلەپ يىغىلىپ، ئاخىرىدا كومپىيوتېرنى كېرەكتىن چىقىرىدۇ. ئەرلەرنىڭمۇ يۈرىكىنى مەڭگۈلۈك ھەرىكەتتىن توختىتىپ قويىدۇ.
بەزى ئەرلەر نىمىشقا ھاراققا ئۆزىنى ئۇرىدۇ، نىمىشقا تاماكا چېكىدۇ؟ نىمىشقا چوڭقۇر خىياللارغا ئەسىر بولىدۇ؟ بۇ يەردىكى سەۋەپلەر نۇرغۇن بولىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ نېگىزى يەنىلا بايا بىز تىلغا ئالغان «كومپىيوتېر ۋىروسى». ئەمما ئۇلار پەقەت ئەركەك بولغانلىقى ئۈچۈنلا كۆز يېشى قىلمايدۇ، باشقىلارغا دەرد ئېيتمايدۇ، ئۆزىنى مەجبۇرلاپ بولسىمۇ خوتۇن- بالىلىرى ئالدىدا قەيسەر كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئاياللار كىچىككىنە ئۇۋۋالچىلىققا ئۇچرىسىلا كۆز يېشى قىلىپ، ئاتا- ئانىسى، قېرىنداشلىرىغا، ھىچ بولمىغاندا يېقىن دوستلىرىغا دەۋالىدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ  يۈرىكىدە «كومپىيوتېر ۋىروسى» ئۇنچە كۆپ ساقلىنىپ قالمايدۇ. ئۇلار ھەر قېتىملىق كۆز يېشى قىلىش ياكى دەرد تۆكۈش جەريانىدا ئىچكى ئەزالىرىنى بىر قېتىم دېزىنفىكسىيە قىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئىنسان دۇچ كېلىدىغان ھەرقانداق بىر كېسەللىك يۈرەككە توپلىنىپ قالغان «ۋىروس»تىن پەيدا بولىدۇ. ئۇنداق بولسا قانداق قىلغاندا ئەرلەرنى بىز تىلغا ئالغان «كومپىيوتېر ۋىروسى» دىن خالىي قىلىپ، تېخىمۇ ئۇزۇن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىق شەرپىگە نائىل بولغان ئاياللارنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنداقتا ئۇلار تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:
ئەرلەر ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاياللار ئامال بار ئۇلارغا ئامالنىڭ بارىچە تېخىمۇ ئىللىق، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئادەتتە بىر قىسىم ئاياللار زىيادە پاكىزلىق قىلىپ، ئۆيگە مۇھىم مېھمان كەلمىسىمۇ ئەرلەرنى ئۆي تازلاش دولقۇنىغا سۆرەپ كىرىدۇ، بەزىدە مۇشۇ سەۋەپلىك ئەرلىرى بىلەن جىدەللىشىشپمۇ قالىدۇ. بىلىش كېرەككى، ئەرلەرنىڭ ياقىسىنى كىر قىلماسلىق ئاياللارنىڭ بۇرچى، ئەمىلىيەتتە ئەر- خوتۇنغا نىسبەتەن ئۆي ئىشىمۇ مۇھىم، شۇنىسى يادىمىزدا بولسۇنكى، سىلىق گەپ - سۆز ئەڭ شىپالىق دورا.
ئېرىڭىز سىرتتىن خاپا قايتىپ كەلسە، شۇنداقلا ئۇ بۇ ھەقتە بىرنىمە دېمىسە، سىز ئۇنىڭدىن كوچىلاپ سوراپ تۇرىۋالماي، ئۇنىڭغا مېھرىبانلىقىڭىزنى يەتكۈزۈڭ. ئامال بار ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى پىغانىنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى قىلىڭ. ئەگەر ئۇنىڭ سىزگە دىگۈسى كەلمىسە سورىماي قويۇڭ. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇ ئىنتاىن ئېغىر ئىچكى زەربىگە ئۇچرىغان بولىدۇ، بۇ چاغدا سىز قىلىش زۆرۈر بولغان ئىش شۇكى، ئۇنىڭغا مېھىر- مۇھەببىتىڭىزنى بېرىش، كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇش. ئەگەر ئۇ قەلب يارىسىنى ئاشكارىلىسا، سىز ھەرگىز شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭغا قارىتا غەزەپ ئىپادىسى بىلدۈرمەي، ئامال بار ئۇنىڭ كۆڭۈلسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلىڭ. ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاپ ئاخىرقى مەنزىلگىچە يەتمەكچى بولسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ نام- مەنپەئەتىگە بەكلا ئېسىلىۋالماڭ. چۈنكى سىزگە تەئەللۇق بولغان نەرسىنى ھىچكىم تارتىپ ئېلىۋالالمايدۇ، سىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قولغا كەلتۈرەلمەيسىز. ناۋادا سىز بۇنداق نەرسىلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىسىڭىز، ئېرىڭىز بۇ جەھەتتە يېنىكلەپ قالىدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، روھىي جەھەتتىكى بۇ خىل يېنىكلىك سىز ۋە ئېرىڭىزنى چەكسىز خوشاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ.
ئەگەر ياشىنىپ قالغان قېيىنئانىڭىز بىلەن بىللە تۇرۇش زۆرۈر بولغان بولسا، ئۇنداقتا سىز بۇ رىئاللىقنى چوقۇم ئاكتىپ قۇبۇل قىلىڭ. ئامال بار قېيىنئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاڭ. ناۋادا ئېرىڭىزنىڭ ئانىسىنى سىغدۇرمىسىڭىز، ئاراڭلاردىكى زىدىيەت، ھەر بىر جىدەل ئېرىڭىزنىڭ بىرنەچچە يىللىق ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن. بېسىم ۋە ئامالسىزلىق خۇددى ئىككى تاغ بولۇپ سىزنى قىسسا، سىزنىڭمۇ ئۆمرىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن.
سىز ئېرىڭىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز، يېمەك- ئىچمەك مەسىلىسىدە ئۇنىڭ رايىغا بەك بېقىپ كەتمەڭ، گۆشسىز تاماق ۋە قورۇمىلارنى كۆپرەك تەييارلاپ كۈتۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىڭ، ھەتتا ئۇنى سالامەتلىكىگە پايدىلىق نەرسىلەرنى يېيىشكە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن كۆندۈرۈڭ. ئۇ سىز تەييارلىغان تۇزسىزراق، گۆشسىز تاماقلارنى يېگەندىن كېيىن، ياغلىق، قورۇلغان تاماقلارنى يېگەندە كۆرۈلىدىغان باش قېيىش، باش ئاغرىش، روھى چۈشۈپ كېتىش ۋە مۈگدەش ئالامەتلىرى غايىپ بولغانلىقىنى بايقايدۇ، بۇنى چۈشەنگەندە سىزدىن بەك خوش بولىدۇ. ئەگەر ئېرىڭىز بىلەن ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ياشاي دەپ ئويلىسىڭىز، ئېرىڭىزنى ئامال بار ئوكسىگىنلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا كۆندۈرۈڭ.
ناۋادا سىز ھاياتنىڭ ئاخىرقى پەلىسىگىچە ئېرىڭىز بىلەن بىللە مېڭىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئۇنىڭغا بالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈڭ، سىز ئۇنى ھەققىي ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭغا بىرمۇنچە قوشۇمچە شەرتلەرنى قويىۋالماي، يۇقىرىقى بىرقانچە نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىڭىزلا ئۇ تېخىمۇ خوشال، قىزغىن ياشايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى سىزگە ياخشى جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنى دەسلەپ ھىس قىلىش تەسرەك، لېكىن، ئۇ ھەرقانچە ئاددىي ئادەم بولسىمۇ سىزنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىڭىزگە ھامان مۇھەببەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.
ئېرىڭىزگە كۆيۈنۈشنى ھازىردىن باشلاڭ. چۈنكى بىر تۈپ دەرەخ قانچە بۇرۇن پەرۋىش قىلىنسا ئۇ شۇنچە تۈز، مەزمۇت ئۆسىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئېرىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈشنى قانچە بۇرۇن باشلىسىڭىز ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا بىز يۇقۇرىدا دېگەن «كومپىيوتېر ۋىروسى» كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىيىتى يەنىلا ساغلام بولىدۇ، سىزنىڭ مۇھەببىتىىڭىز بۇ ۋىروسلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. سىز يۇقۇرىدا ئېيتىلغانلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىسىڭىز ئېرىڭىز روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام بولۇش بىلەن بىرگە، سىزمۇ چوقۇم خوشال ھەم ساغلام ياشىيالايسىز، ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە ئېرىڭىز بىلەن بىللە ياشىيالايسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى