قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پەرزەنتلىرىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇق

2018-01-12 12:05:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن 2000- يىلى ئىچكىرىدىكى ئۆلكە- شەھەرلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، 2017- يىلىغىچە 17 قاراردا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى 80 مىڭدىن ئېشىپ، سىنىپ تەسىس قىلغان مەكتەپ 93كە يەتتى. دۆلەت شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن 2011- يىلىدىن بۇيان، تيەنجىن، لياۋنىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، 27 شەھەردىكى 33 نۇقتىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتە شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي سىنىپى تەسىس قىلدى. بۇ تەدبىر ئىچكىرىدىكى ئۆلكە- شەھەرلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2006- يىلىدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئۆگىنىشى بىر قەدەر ياخشى، ئەخلاقلىق، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىدىن ۋەكىل تاللاپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى تەسىس قىلىنغان ئۆلكىلەرگە ئېكسكۇرسىيەگە ئەۋەتىشنى باشلىغانىدى. 2017- يىلى 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 126 ئاتا- ئانا ۋەكىلىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، فۇجيەن، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە 11 كۈن ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، ئائىلە ۋە مەكتەپنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاتا- ئانىلارنى خاتىرجەم قىلدى.
 بۇ قېتىم ئېكسكۇرسىيەگە بارغان ئاتا- ئانىلار ۋەكىللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىچكىرىگە بېرىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا ئالغان تەسىراتى ئاساسەن ئوخشاش بولدى. ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىلەن ئەۋزەل ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە چەكسىز بەخت ئىلكىدە خاتىرجەم بىلىم ئىگىلەپ، كەلگۈسىگە ئۇل سېلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولسا، پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە، پەرزەنتلىرىنى ئىختىساس ئىگىلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بەس- بەستە بايان قىلىشتى.
- مەن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى بىلەن نىڭبو شەھىرىگە بېرىپ، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمنى كۆرۈپ كەلدىم،- دېدى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىن كەلگەن ئابدۇمەمەت روزىمەمەت ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ،- پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولدۇم، ئۇلارنىڭ ئوقۇش، ياتاق، تاماق شارائىتى بەك ياخشى ئىكەن، ئوقۇتقۇچىلار پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتا- ئانىسىدەك كۆيۈنىدىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ھەم ئوغلۇمغا تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى تاپىلىدىم.
 ئابدۇمەمەت روزىمەمەتنىڭ ئاددىي تىل بىلەن ئىپادىلىگەن بۇ مىننەتدارلىق سۆزلىرىدە بۇ قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ كەلگەن بارلىق ئاتا- ئانىلار ۋەكىللىرىنىڭ قەلب ئىزھارى مۇجەسسەملەنگەنىدى...

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى