قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 2017- يىلى كېرىيە ناھىيەسىدىكى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 102 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتتى

2018-01-12 17:32:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى كېرىيە ناھىيەسىدىكى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 102 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتى %36 نى ئىگىلىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭۋۇنىڭ ئېيتىشىچە: يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش- نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىللىك ھالدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە بۇ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى