قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكىتلەندى

2018-01-12 18:03:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دەرھال دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتەك ئىرادە بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر شەرھىلەپ بېرىلدى؛ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى؛ پارتىيەمىز دۈچ كېلىۋاتقان خەۋپ- خەتەر ۋە رىقابەتلەر چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ كۈچلۈك غايە ئېتىقاد، روشەن بولغان خەلقچىل مەيدان، كۈچلۈك بولغان ئىرادە ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلمىي يېتەكچى، تۈپ ئاساس ۋە پروگرامما خاراكتىرلىك ھۆججەت ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، سۆزنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئۆگىنىشى؛ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.
بىرىنچى، ئەستايىدىل ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيەۋى تۇنۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىلمىي، سىستېمىلىق ۋە توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجىن- سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش، ئويلىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىدىيە ۋە ھەركەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى، «4 ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئورۇننى ئىگىلەشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. «4 ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشتەك ئورنىنى قەتئىي قوغداش؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۇپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، قىممەتلىك تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىراتېگىيەلىك قەتئىيلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە پارتىيەمىز دۈچ كەلگەن خىرىس ۋە رىقابەتلەرنى چوڭقۇر تۇنۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم تەجرىبىلەردە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «شىنجاڭ-- بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىش تۇرۇش كۆرىشى مەسىلىسىدە، ھىچقانداق ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئەمەس» دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىش تۇرۇش كۆرىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
تۆتىنچى، خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىش؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا، مەيداندا چىڭ تۇرۇش، ئىشەنچلىك بولۇش؛ «4 ئاڭ»نى پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلاندۇرۇش؛ مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك جەھەتتىكى يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئىپادىلەرگە دىققەت قىلىش؛ 1- قول رەھبەرلەر بىۋاستە قول سېلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇپ، شەكىلۋازلىق، بيۇكىراتلىقنى تۈزىتىش؛ ئىمتىياز ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى چىن ھىسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قائىدە- ئىنتىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ مۇتلەق غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈپتىن تۈزەش بىلەن يۈزەكى تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، قەتئىي بوش قويىۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىم ئىشلىتىش، ھەيۋە كۆرسىتىش؛ چوڭ- كىچىكىنىڭ ھەممىسىگە تېگىش قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئامما ئارىسىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
بەشىنچى، ئىككى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سۇبىيكتىپ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم شۇجىلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتىكى 1- مەسئۇللۇق ئورنىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قانۇن- بەلگىلىمىلەرنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ يىلتىز تارتىشى شۇنىڭدەك ئىستىلدا دۇرۇس بولغان سىياسىي ئىكولوگىيەنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى