قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى باھالاش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018-01-12 18:03:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى باھالاش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىش يىغىنى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 6- باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باش چارۋىچىلىق تېخنىكى ما ئەيگو ئاپتونوم رايونىمىزغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى باھالاش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر دوكلات ئاڭلاش، ماتىرىياللارنى كۆرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال باھالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017- يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا باھالىدى ھەمدە بايىنغۇلىن، سانجى قاتارلىق جايلار شۇنىڭدەك بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق چىنخۇا سودا- سانائەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 6 ئورۇننى نۇقتىلىق تەكشۈردى.
باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتتى. بۇلتۇر، زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ۋەقەسىدىن بىرسىمۇ يۈز بەرمىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى مۇقىم ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كونكرېت تەكلىپلەرنى بەردى.
شۆھرەت زاكىر سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باھالاش-- پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى تۈزۈم ۋە مىخانىزىم جەھەتتە ياراتقان يېڭىلىقى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار «4 ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرگە سېلىشتۇرغان ھالدا بىرمۇ- بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئىنتىزامنى چىڭىتىشى؛ قەتئىي پوزىتسىيە، ئۈنۈملۈك تەدبىر، كۈچلۈك كاپالەت ئارقىلىق، تۈزەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى قەتئىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى تۈزۈلمىسى ۋە مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قوش ئالدىنى ئېلىش مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. بۇ قېتىمقى باھالاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، دىققەتنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قارىتىپ، بۇ يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىخەتەرلىك جەھەتتە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى