قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاپ خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى، دۆلەتنى سۈيۈش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى

2018-01-12 18:03:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
2017- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاپ خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى، دۆلەتنى سۈيۈش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر- ئامما باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاپ قايتۇردى.
كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا، قۇربان تۇلۇمنىڭ چەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى يۇرتىدىكى ھەر مىللەت كادىر- ئامما بىلەن بىرلىكتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاپ خېتىنى تاپشۇرىۋالغان ئاشۇ مىنوتلارنى ئەسلەپ، بىر يىلدىن بۇيان، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھىكايىلىرى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى. رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق دېدى: مومام دائىم بىزگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىزنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكى؛ ئادەمنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالسا بولمايدىغانلىقى؛ تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلىشىمىز كېرەكلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۈيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمەن.
كېرىيە ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىداىسى يەرلىك باج مۇلازىمەت زالىنىڭ خىزمەتچىسى مەتقاسىم يۇنۇس مۇنداق دېدى: باج ئىشلىرى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر كۈنى 100دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن. ئۆز ھەركىتىم ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىسىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە ساقلاپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، كەڭ قورساق بولۇپ، بىر- بىرىدىن ئۆگىنىشى ۋە بىر- بىرىگە ياردەم بېرىشى؛ خۇددىي ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك» دېدى. بىر يىلدىن بۇيان، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلاتلىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەمەلىي ھەركىتىگە ئايلاندۇردى. 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلاتلىرى پۇل جۇغلاپ، «قۇربان تۇلۇم مىننەتدارلىق ئاممىۋى فوندى» تەسىس قىلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان شەخسلەرنى تەقدىرلەش ۋە ھال سوراشقا ئىشلەتتى. فوند تەسىس قىلىنىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، قۇربان تۇلۇم ئائىلىسىدىكىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، جەمئىي توپلانغان پۇل 280 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، ئائىلىسى نامرات بولغان 800 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ياردەمگە ئېرىشتى. قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى مەتسەيدى ئەيسا مۇنداق دېدى: باش شۇجى جاۋاپ خېتىدە، بىزنىڭ ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشۇشىمىزنى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە يارىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجىنىڭ جاۋاپ خېتى بىزنى ھاياجانغا سالدى، ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە كۈچۈمنىڭ بارىچە ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاپ قايتۇرىمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى