ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ياشانغانلار ئىشلىرىغا ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلىش مىخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ياشانغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا

2018-01-12 17:48:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ياشانغانلار ئىشلىرىغا ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلىش مىخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ياشانغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشماقتا.
ئىللىق قۇياش نۇرى خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. قارانچۇقسىز قالغان 10 نەچچە بوۋاي- موماي ئاپتاپ سۇنغاچ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. 82 ياشلىق بۇئايشىخان زاكىر مۇنداق دېدى: 3 ۋاق تامىقىمىز ناھايىتى ياخشى بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار يەنە بىزنى يۇيۇندۇرۇپ قويىدۇ، تىرنىقىمىزنى ئېلىپ قويىدۇ، كىيىملىرىمىزنى يۇيۇپ بېرىدۇ. ئاغرىپ قالساق، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىدۇ. ھېيت- بايراملاردا سەنئەت نۇمۇرلىرىنى قويۇپ بېرىدۇ. بىز بۇ يەردە بەك خۇشال ئۆتىمىز.
خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ باشلىقى ئابلا ئىمىن تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ياشانغانلار ساناتورىيەمىزدە يېڭى بىنا سېلىندى. بىز ھەر يىلى يېزا- بازارلىق شىپاخانىدىكى دوختۇرلارنى ساناتورىيەگە كېلىپ، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيمىز. ھېيت- بايراملاردا سەنئەت نۇمۇرلىرىنى قويۇپ بېرىمىز. ھازىر، ساناتورىيەمىزگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 210 ئادەم سىغىدىغان بولدى.
باي ناھىيەسىدە، مەركىزىي ئىجتىمائى پاراۋانلىق ئورنىدىن بىرى، يېزا- بازارلىق شۆبە ئورۇندىن 5ى قۇرۇلدى. ھەر قايسى پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 618 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە پۇل غەملەپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ، قارانچۇقسىز قالغان ياشانغانلارنى كۈتتى. باي ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىدىكى قارانچۇقسىز قالغان بوۋاي ئىسمائىل ھاپىز مۇنداق دېدى: يوتقان- كۆرپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار تەييارلاپ بەردى. ياتاقنىڭ تازىلىقىنىمۇ ئۇلار قىلىدۇ. ئاغرىپ قالساق، بۇ يەردە دورا بار. داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت چىقىرىپ بېرىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئالىدۇ.
2017- يىلى، ماناس ناھىيەسى 16 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالاقە تورى بىلەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش بىلەن ساقلىقنى ساقلاش، ئوزۇقلۇق، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسپلەرنىڭ بىرىكىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسپىي ئاپپاراتلارنى كىرگۈزۈپ، ئالاقە تورى بىلەن ياشانغاندا كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش سۇپىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقتى. يېقىندا، ماناس ناھىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سۇپىسى ياشانغانلارنى مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، دورا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق 45 تۈرلۈك ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ماناس ناھىيەسى شىگۈەن مەھەللىسىدىكى ئۆزى يالغۇز تۇرىدىغان لياۋ گولۇڭ بوۋاي زۇكامداپ قالدى. ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سۇپىسىغا تېلېفون بېرىپ 15 مىنوت ئىچىدە، مەھەللە كادىرى شۈ يەنيەن ئۇنىڭغا دورا ئەكىلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز ياشانغانلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. بېشىم ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارغا تېلېفون بېرىۋېدىم، نەچچە مىنوت ئىچىدىلا دورا ئەكىلىپ بەردى. ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
غۇلجا شەھىرىدە تەخمىنەن 30 مىڭدىن ئارتۇق ياشانغان كىشى بار بولۇپ، بۇ-- شەھەر نۇپۇسىنىڭ %11.4ىنى ئىگىلەيدۇ. ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، غۇلجا شەھىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ياشانغانلار جەمئىيىتىنى ۋاستە قىلىپ، «ياشانغاندا ئۆگىنىدىغان ۋە كۆڭۈل ئاچىدىغان جاي بولۇش»نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خور ئۆمىكى، ئۇسسۇل ئەترىتى، ھۆسنىخەت ۋە رەسىم ئەترىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيەت «سائەتلىك ئىشچىسى» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي سەنئەت تايانچلىرىنى ئاساس، ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى قوشۇمچە قىلغان ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پىدائىيلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلدى ھەمدە «ئاساسىي قاتلامدا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورى»نى شەكىللەندۈردى. غۇلجا شەھەرلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى شى خۇڭيۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، ياشانغانلارغا يەنىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشانغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىمىز.  تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى