قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيلىك دەرىجىسى ۋە ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيلىك ئۇرۇقىنى ھەر قايسى مەھەللىلەردە يىلتىز تارتقۇزماقتا

2018-01-12 18:06:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئومۇمىي خەلقنىڭ «مەدەنىي بولۇش جەھەتتە ئۈلگىلىك مەھەللە بەرپا قىلىش»قا قاتنىشىشى ئارقىلىق، شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى ۋە ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيلىك ئۇرۇقىنى ھەر قايسى مەھەللىلەردە يىلتىز تارتقۇزماقتا.
ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول رايونى شياڭشەن كوچىسى مەھەللىسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەت زالىدا، قولىغا رەڭدار يەلپۈگۈچ ئالغان 11 بوۋاي- موماي ئۇسسۇلغا چۈشتى. بۇ-- شياڭشەن كوچىسى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلار ھەر كۈنى ئېلىپ بارىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ قىسقا كارتىنىسى ھىساپلىنىدۇ خالاس. شياڭشەن كوچىسى مەھەللىسىدە 3 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئاھالە بار بولۇپ، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلار بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، ئاھالىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىھتىياجىمۇ يۇقىرى ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، شياڭشەن كوچىسى مەھەللىسى ئاممىۋى خاراكتىرلىك پائالىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۇسسۇل ئەترىتى ۋە خور ئۆمىكى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاھالىلارنى قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن ليۇ فېڭجى ئۇسسۇل ئەترىتىگە قاتناشقان يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۆز ئالدىغا بىر قىسىم ئاددىي ئۇسسۇلارنى ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەھەللە بىزنى شۇنداق ياخشى شارائىتلار بىلەن تەمىنلىدى. بىز يەنە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ھال سوراش ئويۇنى قويدۇق. ئۇسسۇل ئويناش-- بىزنىڭ تەن سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، روھىي ساغلاملىقىمىزغىمۇ پايدىلىق.
مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشتىن باشقا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول رايونى شياڭشەن كوچىسى مەھەللىسى يەنە مەدەنىيەت باشلامچىلىرىنى يۆلەش، مەھەللىدە ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەدەنىي تۇرمۇش بەرپا قىلىپ، مەدەنىي تۇرمۇشنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشتى. شياڭشەن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ شۇلەن مۇنداق دېدى: ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، مەدەنىيەت قابىللىرىنى قېزىپ چىقتۇق ھەمدە پىشقەدەم كومپارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە تارىخىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، بالىلارنى ئىدىيەۋى جەھەتتە يېتەكلەشنى كۈچەيتتۇق.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول رايونى شياڭشەن كوچىسى مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى مەھەللىدىكى 60 ياشتىن ئاشقانلارغا ھەقسىز ئىشىك قوڭغۇرىقى ئورنىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىك چەككەن ئاۋازنى ئاڭلىيالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. پىدائىي جۇ گۇاڭيىڭ مەھەللىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: مەھەللىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگىچە بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى. ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، مەھەللىدە ئەخلەت تېرىش، قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش- تارتىشلارنى كېلىشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىمەن.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «مەدەنىي بولۇش جەھەتتە ئۈلگىلىك مەھەللە»نىڭ سانى 836گە يەتتى. بۇ مەھەللىلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەركىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، قانۇن بويىچە تۈزەش تەربىيەسى قاتارلىق مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئومۇمىي خەلقنىڭ «مەدەنىي بولۇش جەھەتتە ئۈلگىلىك مەھەللە بەرپا قىلىش»قا قاتنىشىشى، نەتىجىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى «مەدەنىي بولۇش جەھەتتە ئۈلگىلىك مەھەللە»دىن يەنە 80نى بەرپا قىلىپ، «مەدەنىي بولۇش جەھەتتە ئۈلگىلىك مەھەللە»نى قاپلاش دائىرىسىنى %90تىن كۆپرەككە يەتكۈزىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ما جۇڭفۇ مۇنداق دېدى: «مەدەنىي بولۇش جەھەتتە ئۈلگىلىك مەھەللە» بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئاھالىلارنى مۇھىت تازىلىقى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئەخلاق تەربىيەسى، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى نەپكە ئېرىشتۈرگىلى؛ ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى