قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نۇرنىسا جاماللارنىڭ ئىمزالىق

2018-01-12 18:26:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1-ئاينىڭ 12-كۈنى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ گېزىتى» گە، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى دىلمۇرات مەمەت؛ ئاقسۇ شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرنىسا جاماللارنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى بېسىلدى.
دىلمۇرات مەمەتنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى پىششىق ئىگىلىشى ۋە قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتلارغا ئىگە بولۇش، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس ھازىرلاشقا تىرىشىمەن. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، ۋەتەننى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۈيۈش، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىلىم- پەننى ھۆرمەتلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيمەن. 
نۇرنىسا جامالنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مائارىپ خىزمىتى بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللانغان ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى، ئەتراپىمدىكىلەرنى، ئائىلەمدىكىلەرنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى ۋە دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇش؛ «3 خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تۇنۇش؛ «3 خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۆرەش قىلىش؛ بۈگۈنكىدەك تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلەشكە يېتەكلەيمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى