قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دوستۇم

2018-01-12 18:52:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئابدۇللا مېنىڭ پارتىدىشىم ھەم يېقىن دوستۇم. ئەمما، يېقىندا بىز ئازارلىشىپ قالدۇق. بەلكىم ئاشۇ كۈنى مەيدانغا چىقماي سىنىپتا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلغان بولسام، مۇشۇ ئىشمۇ بولماس ئىدى.
 مۇئەللىم6- سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆتۈلمەيدىغانلىقى، بىزنىڭ سىنپتا مۇزاكىرە قىلىشىمىزنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. ئابدۇللا ئىككىمىز تاپشۇرۇقىمىزنى تېزلا ئىشلەپ بولۇپ، توپ ئويناش ئۈچۈن مەيدانغا چىقتۇق. تازا قىزىق ئويناۋاتاتتۇق. كىم بىلسۇن، ئابدۇللا تەپكەن توپ قورسىقىمغا تېگىپ ئاغرىقتىن دومىلاپ كەتتىم، ئابدۇللا قايتا- قايتا كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ، ئەمما مەن «قەستەن تەپتىڭ» دەپ ئۇنى كەچۈرمىدىم.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا تەتۈر قاراپ يۈردۈم. ھەتتا بور بىلەن سىزىپ پارتىنى ئىككىگە بۆلىۋەتتىم. ئۇ بىر قانچە رەت ماڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پەرۋا قىلمىدىم.
ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا قېرىشقاندەك ئاغرىپ قالدىم. بىر ھەپتە دەرستىن قالغاچقا، بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش خىيالىم يوققا چىقتى. ئۆيدە تىت- تىت بولۇپ ئولتۇرسام، ئابدۇللا مېنى يوقلاپ كەپتۇ. ئۇنىڭغا ئانچە ئوچۇق چىراي ئېچىپ كەتمىدىم. ئەمما، ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ماڭا بىر ھەپتىلىك كونسىپىكلىرىنى بەردى ۋە دەرسلەرنى تەكرارلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يۈزۈم خىجىللىقتىن قىزىرىشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭغا قانچە ناچار مۇئامىلە قىلغانسېرى ئۇ پىسەنتىگە ئالماي، ماڭا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتاتتى.
ئۇنىڭ سەمىمىي ياردىمىدە دەرسلەرنى تېزلا ئۆزلەشتۈرىۋالدىم. ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتىم. چۈنكى، مەن سىنىپ بويىچە بەشىنچى بولغانىدىم.
- رەھمەت دوستۇم، ساڭا كۆپ ئازار بەردىم. مېنى كەچۈر، سېنىڭ ياردىمىڭ بولمىغان بولسا، مەن بۇ قېتىملىق ئىمىتھاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم،- دېدىم خىجىل بولغان ھالدا.
- ئۇنداق دېمە، بىز دېگەن دوست. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ساڭا بەك ئامراق. كىچىككىنە ئىشنى دەپ سەندىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق،- دېدى ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىز تېخىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى