قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خۇشاللىققا تولغان ھايات

2018-01-12 18:55:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

روزى نەزە ر


بالىلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ، بالىلىقىم قالغان گۈزەل سەھراغا، ئانا يۇرتۇمغا كەلدىم. ئېتىزلىقتا پاختا تېرىۋاتقان دادام بىلەن ئاپام يىراقتىن بىزنى كۆرۈپلا يۈگۈرۈپ يېنىمىزغا كەلدى:
- ئەجەب تەستە كەلدىڭلار بالىلىرىم، يوللىرىڭلارغا تولا قاراپ كۆزىمىز تېشىلەي دېدى،- دېدى ئاپام خۇشاللىقىدىن نەۋرىلىرىنى قۇچاقلاپ.
- چوڭ دادا، چوڭ ئاپا، سىلەرگە قانداق سوۋغا ئېلىپ كەلدۇق بىلەمسىلەر؟- دىدى بالىلىرىم ئالدىراش.
- رەھمەت بالىلىرىم، سالامەت كەلسەڭلارلا بىزگە سوۋغات دېگەن شۇ،- دېدى  دادام كۈلۈپ تۇرۇپ.
 بالىلىرىم چاڭىلداپ سۆزلەشكە باشلىدى، چاماداننى ئېچىپ يىغقان پۇللىرىغا ئالغان سۆڭەك شالاڭلىشىشقا داۋا بولىدىغان دورىنى ئېلىپ ئۇلارغا تۇتقۇزدى. مەكتەپتە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەنلىكىنى، دۆلەت ئورتاق تىلىدا ماقالە يازالايدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەتتى. 
- ياخشى كۆڭلۈڭلارغا كۆپ رەھمەت تايچاقلىرىم، بىلىم ئەقىل چىرىغى، بەخت ئاچقۇچى. كىمدە بىلىم كۆپ بولىدىكەن، ھاياتى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ،- دېدى دادام ئۇلاردىن سۆيۈنۈپ.
كەچتە ئاپام قوناق ئۇنىدا مەن ياخشى كۆرىدىغان ئوماچ ئەتتى، بالىلىرىم ئوماچتىن بىر قوشۇق ئىچىپلا قورسىقىمىز ئاچمىدى دەپ چىنىنى نېرىغا ئىتتىرىشتى.
- نېمىشقا يېمەيسىلەر بالىلىرىم؟- دېدى دادام ھەيران بولۇپ بالىلىرىمغا قاراپ.
- بۇ تاماق بەك تەمسىز ئىكەن،- دېدى كىچىك ئوغلۇم ئەركىلەپ تۇرۇپ.
- بىر قانچە قېتىم يېسەڭ تەملىك بىلىنىدۇ، بۇرۇنلاردا بىر قاچا ئوماچ ئىچىۋالساق ھېيت بولغاندەك خۇشال بولۇپ كېتەتتۇق،- دېدى دادام ئۇنى ئەركىلىتىپ.
- چوڭ دادا، ئۆيۈڭلار بەك چىرايلىق ئىكەن، چۇقۇم كۆپ پۇلغا ئالدىڭلار ھەقىچان؟- دېدى چوڭ ئوغلۇم.
- ئوغلۇم، ئىلگىرى تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، قورساق تويغۇدەك تاماق، ئۇچىمىز يېپىلغۇدەك كىيىممۇ يوق ئىدى. نورمىلىق ئاشلىققا قورساق تويمايتتى، مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ساۋاتسىز قالاتتۇق، ئاغرىپ قالساق داۋالىنىشقا پۇل بولمىغاچقا دوختۇرخانىغا كۆرۈنەلمەيتتۇق... بۈگۈنگە كۈندە ئات، كالا ھارۋىسىنىڭ ئورنىغا ماشىنا، موتسىكلىت، پويىز، پاراخوت ئالماشتى. يارغۇنچاق، سۇ تۈگمەنلىرى كەلمەسكە كېتىپ ئۇن زاۋۇتلىرى قۇرۇلدى، ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى، مانا بۇ چىرايلىق ئۆيمۇ ھۆكۈمەت بىزگە سېلىپ بەرگەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، بىز پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇچىقىدا ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ياشاۋاتىمىز. بىز قېرىپ قالدۇق، ئەمدى ئۈمىد سىلەردە، سىلەر ياراملىق ئادەم بولۇپ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلىپ بەرگەن ياخشىلىقلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشۇڭلار لازىم. شۇندىلا سىلەردىن چەكسىز مىننەتدار بولىمەن،- دېدى دادام ھاياجانلىنىپ
- چوڭ دادا، بىز چۇقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز،- دېدى كىچىك ئوغلۇم دادامغا ئەركىلەپ.
 دادامنىڭ ماڭا ۋە بالىلىرىمغا ئۆتكەن بۇ بىر سائەتلىك جانلىق دەرسى كۆڭلۈمنى قەۋەتلا خۇشال قىلىۋەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى