قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاياتتا بىزنى خۇشاللىققا، خاتىرجەملىككە يېتەكلەيدىغان ھېكمەتلەر

2018-01-12 18:58:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

    بىرىنچى، كۆرۈشكەندىكى ئۈچ ئېغىز سۆز:
بىز ئۆزىمىزنىڭ دوستانىلىغىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە دېيىلگەن »ياخشىمۇسىز، بۈگۈن تولىمۇ ياخشى، بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى ياكى بولمىسا كەلدىڭىزمۇ؟ جاپا چەكتىڭىز، مەرھەمەت« دېگەندەك ماختاش سۆزلىرى خۇددى خۇشپۇراق ئەتىرگە ئوخشاش ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلالايدۇ.
 
    ئىككىنچى، ئۇچراشقاندا كۈلۈمسىرەڭ:
 مەيلى كونا ياكى يېڭى تونۇشقان بولۇڭ، ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئادەمگە خۇددى مەيىن شامالدەك ئىللىق تۇيغۇ بېرىدۇ. قوشۇمىلىرى تۈرۈلگەن بىر ئادەم خۇددى رەڭگى ۋە پۇرىقى يوقالغان گۈلگە ئوخشاش، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ۋە ئېتىبارىغا نائىل بولالمايدۇ.
 
    ئۈچىنچى، ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ:
ئەگەر سىزنىڭ غەزىپىڭىز ۋولقانغا ئوخشاش پارتلاپ كېتىدىغان ھېسسىياتتا بولغان چېغىڭىزدا، چوڭقۇر نەپەس ئېلىشىڭىزغا دەخلى قىلماي، لېۋىڭىزگە كەپ قالغان گەپنى ئاستىراق رەۋىشتە سۆزلەڭ. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىزدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. قالغان غەزىپىڭىزنى بېسىۋالسىڭىز، ھېچ بولمىغاندا كەلگەن ئاچچىقىڭىزنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرالايسىز. بۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىپ قالالايسىز.
 
    تۆتىنچى، بىئارامچىلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزگە دەڭ: بىئارام بولغان چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى پاراكەندە قىلماڭ، باشقىلارغىمۇ تەسىر يەتكۈزمەڭ. سەلىبىي كەيپىيات خۇددى بىر كاللەك چىگىش يىپقا ئوخشاش، ئۇنى كېسىپ- كېسىپ بولالمايسىز، ئوڭشاي دېسىڭىز تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن، كۆڭلىڭىزدە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن ئاشۇ ئارامىغا چۈشكەن كۆڭۈلنىڭ كۈچى بىلەن بارلىق چىگىشلەرنى يېشىپ بىئارامچىلىقىڭىزنى تۈگىتەلەيسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى