قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ھاياتلىق ھەققىدىكى تەرمىلەر

2018-01-12 19:19:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش، جان ساقلاش ھەلەكچىلىكى بىلەنلا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتى تىنىچ كۆل سۈيىگە؛ ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلار يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ ياشايدىغان تالانتلىق، ئىقتىدارلىق ئادەملەرنىڭ ھاياتى شاۋقۇن سېلىپ تۇرىدىغان دەرياغا ئوخشايدۇ.
ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزگە مەجبۇر قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ رازى بولۇشى بىلەن ئېرىشسىڭىزلا، ئاندىن قەلبىڭىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ.
قايسى ئەلنىڭ خەلقلىرى ئىناق- ئىتتىپاق، مەدەنىيەتلىك ۋە ساپالىق بولسا، شۇ ئەل تېز تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مۇستەھكەم بولىدۇ.
ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاشنى نۇمۇس دەپ بىلىدىغان كىشىلەر قانچىكى كۆپەيسە، بۇ دۇنيا تېخىمۇ ئىللىقلىققا ۋە مۇھەببەتكە تولىدۇ.
باشقىلارغا بىر ئوتلام ئۇسسۇزلۇق بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزدە بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك،- دېدى بىرسى. بۇ گېپىڭىز دەرۋەقە خاتا ئەمەس،- دېدىم مەن قارشى تەرەپكە،- لېكىن بىر چېلەك سۇنىڭ مىقدارى چەكلىك بولىدۇ. ئۇ ھامان تۈگەيدۇ. شۇڭا، باشقىلارغا ئۇسسۇزلۇق بەرگۈچىلەر بىر چېلەك سۇ ئەمەس، بەلكى خورىماس بۇلاققا ئىگە بولۇشى كېرەك.
بىر ئادەمنىڭ ئىشەنچ ۋە بىلىمىنىڭ چوڭقۇر- تېيىزلىقى ئۇنىڭ چىدامچانلىقىنىڭ قانچىلىكلىكىگە باغلىق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى