قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئالىي قاتناش تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى بىر قاتار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان

2018-01-12 19:30:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىگىلىنشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ8-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئالىي قاتناش تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى بىر قاتار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سۈرەتكە تارتىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تونېل ئىچىدە يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېلېكتىرونلۇق ساقچى تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان.
ئىگىلىشىچە، ئاپتوموبىللار تونېلغا كىرگەندە، ئېلېكتىرونلۇق ساقچى سىستېمىسى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ھالىتىنى ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىدىكەن. ناۋادا ئاپتوموبىل يۈرۈش يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولسا سىستېما تارتقان سۈرەت ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھەرىكىتىگە ئىسپات بولالايدىكەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ38-ۋە 90-ماددىسىدا، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى مەنئىي قىلىش بەلگە سىزىقىغا خىلاپ ھالدا يۈرۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسە ئۈچ نومۇر تارتىلىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى