قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پراكتىكانت شوپۇرلۇق مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

2018-01-12 19:29:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. پراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا زادى چىقىشقا بولامدۇ بولمامدۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەر پراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، پراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىشقا بولىدۇ، بىراق، شوپۇرلۇق ستاژى ئۈچ يىلدىن ئاشقان بىر شوپۇر ھەمراھ بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
2.پراكتىكا مەزگىلىدە قايسى قانۇن قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك؟
بىر جەھەتتىن، پراكتىكانت شوپۇر ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا چوقۇم »پراكتىكا« بەلگىسى ياكى »يېڭى شوپۇر« بەلگىسىنى چاپلىشى كېرەك. ئەگەر چاپلىمىسا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، تىجارەت ئاپتوموبىللىرى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئالاھىدە تۈردىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشكە قەتئىي بولمايدۇ.
3. پراكتىكا مەزگىلىدە ئالاھىدە نومۇر تارتىش بەلگىلىمىسى بارمۇ؟
ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە بەلگىلىمە يوق، ھەممىسى »يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش قائىدىسى« بويىچە شوپۇرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا چارە كۆرۈلىدۇ. بىراق شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەگەر پراكتىكا مەزگىلىدە تارتىلغان نومۇرى 12 نومۇرغا يەتسە ياكى 12 نومۇردىن ئېشىپ كەتسە، ھەيدەش ئىجازەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىنى ھەيدەش سالاھىيىتى بىۋاسىتە بىكار قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شوپۇرلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
4. پراكتىكا مەزگىلىنى ئۇزارتىش دېگەن نېمە؟
نۇرغۇن كىشىلەر ئەگەر پراكتىكا مەزگىلىدە تارتىلغان نومۇرى 6 نومۇرغا توشسا، پراكتىكا مەزگىلىنىڭ 12 ئاي ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققان. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل بەلگىلىمە B پراۋىدىن يۇقىرى شوپۇرلارغا قارىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئۇزارتىلغان پراكتىكا مەزگىلىدە تارتىلغان نومۇرى يەنە بىر قېتىم 6 نومۇرغا توشسا، ئوخشاشلا ھەيدەش ئىجازەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىنى ھەيدەش سالاھىيىتى بىۋاسىتە بىكار قىلىنىدۇ.
5. پراكتىكا مەزگىلىدىن كېيىن پراۋىنى ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟پراكتىكا مەزگىلى توشقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا تىپلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى بىخەتەر مەدەنىيەتلىك ماشىنا ھەيدەش بىلىملىرى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. C پراۋا ئالغانلار پراۋىنى ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز بولۇپ، 6 يىللىق كۈچكە ئىگە ۋاقتى توشقاندىن كېيىن يېڭى پراۋىغا ئالماشتۇرسىلا بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى