قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈزۈمنى بىرىكتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى

2018-01-12 19:56:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل1- ئاينىڭ1- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈزۈمنى بىرىكتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. يېڭى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى-- قاپلاش دائىرىسى، مەبلەغ توپلاش سىياسىتى، كاپالەتلەندۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى، بېكىتىلگەن نۇقتىنى باشقۇرۇش، فوند باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت «6 نى بىرلىككە كەلتۈرۈش» نى ئىشقا ئاشۇردى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى كېيىنكى قەدەمدە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش- تاپشۇرۇش، بېجىرىش ۋە فوند باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تۈزۈمنىڭ مۇقىم ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى