قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالاھىدە ئوبيېكتلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى

2018-01-12 19:43:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالاھىدە ئوبيېكتلار پەرزەنتىنى يالغۇز تەربىيلەۋاتقان ئاتا- ئانىلارنى يەنى ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا- ئانىلار، جورىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغانلار، قارشى تەرەپ يىراقتا خىزمەت قىلىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە ئالاھىدە ئوبيېكىتلارمۇ بار، ئۇلار ھەر ئىككى تەرەپ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى پەرزەنتىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالماي، پەرزەنتلىرىنى بۇۋا- مۇمىلىرىنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلغان ئاتا- ئانىلار ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كەمتۈك تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىلىرىدۇر.
نۆۋەتتە بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، نىكاھتا سوغۇققان بولالماي، ئاجىرشىش گىردابىغا بېرىپ يېتىۋاتىدۇ ياكى ئاجىرشىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇش رىتىمىمىزنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز- ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلەلمەسلىكىمىز سەۋەبلىك ھەر خىل كېسەللىكلەر ياشلىشىپ، بىر قىسىم ياش ئاتا- ئانىلار ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن پەرزەنت تەربىيىسى يەككە بىر تەرەپنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدىغان ئەھۋاللار بولىۋاتىدۇ؛ ئەر- خوتۇن ئىككى تەرەپ بىر جايدا خىزمەت قىلماسلىق سەۋەبلىكمۇ يالغۇز بىر تەرەپلا پەرزەنت تەربىيىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىككىلا تەرەپ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىدىن خەۋەر ئالالماي، ئۇلارنى ئاتا- ئانىسىنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا ھاۋالە قىلىۋاتىدۇ؛ بۇ ھالمۇ ئوخشاشلا پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئالاھىدە بىر ئېھتىياجنى تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. بىراق شۇنداق بىر نۇقتا ئايدىڭ بولۇشى كېرەككى، مەيلى قانداق بولسۇن، پەرزەنتلەرگە ھەقىقىي خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان ياخشى بىر مۇھىتنىڭ ھازىرلىنىشى ھەممىدىن مۇھىم.
بەزىلەر: «پەقەت مۇقىم ئائىلە بولسىلا بولدى، شۇنىڭ ئۆزى پەرزەنتلىرىمىزگە لازىملىق تۇرمۇش، پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ ياشايمىز» دەپ، ھېسسىيات ئاللىقاچان بۇزۇلغان ئائىلىنى مەجبۇرىي ساقلايدۇ. ئاتا- ئانىلار مۇشۇنداق قۇربانلىق بەرسەكلا، بالىلىرىمىز روھىي جەھەتتىن ساغلام چوڭ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئائىلە مۇھىتىنىڭ بالىلارغا قىلچىلىك پايدىسى بولمايلا قالماي، بىر قاتار ناچار خاراكتېرلەر پەرزەنتلەرگە بىر ئۆمۈر سايە بولۇپ قالىدۇ. جەمىيىتىمىزدە يەنە «ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى ساغلام چوڭ بولمايدۇ» دېگەن بىر تەرەپلىمە قاراشلار مەۋجۇت. قايسى سەۋەپ تۈرتكىسىدە بولسۇن، ئەمەلىيەتتە شەكىل ئۈچۈن ساقلاپ كېلىۋاتقان ئائىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىمۇ ناتايىن.
بۇ ئەلۋەتتە ئاتا- ئانىلارنىڭ يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئاجرىشىشىنى توغرا دېگەنلىك ئەمەس، بۇ يەردە ئويلىنىشقا تېگىشلىكى ئاشۇ نورمال ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرگە پايدىسىز نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سوغۇققانلىق بىلەن تونۇش. ئادەتتە پەرزەنت تەربىيىسىدە توغرا تەربىيە ئۇسۇلى ئىگىلىۋېلىنسىلا بۇ خىل ئالاھىدە ئوبيېكتلار پەرزەنتلىرىنىڭ باشقا پەرزەنتلەردىن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ، ئوخشاشلا ساغلام چوڭ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا يالغۇز ئاتا- ئانىلارلا ئەمەس، بەلكى ئاتا- ئانىلار بىلەن بىللە، پۈتكۈل جەمىيەت ئورتاق كۈچ چىقىرىشى زۆرۈر. ئالدى بىلەن «ئالاھىدە ئوبيېكتلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىچارە» دېگەن ئاقماس كۆز قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭمۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇق ئىمتىيازلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، پىسخىك ئىممۇنىتېت كۈچىنى ھەر جەھەتتىن كۈچەيتىشكە ئېتىبار بېرىشى لازىم. دېمەك ئالاھىدە ئوبيېكتلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ھازىر ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە تەربىيە سۈپىتىدە گەۋدىلەنمەكتە، شۇڭا بۇ جەھەتتىن ئاتا- ئانىلار تەربىيىلىنىشكە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى