قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2018-01-12 20:06:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنى تەكلىپكە بىنائەن كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن بىلەن تېلېفونلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كورىيە- چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشى، يارىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. جۇڭگو كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مون جىئىن جۇڭگونىڭ جەنۇپ- شىمال سۆھبىتىنى قوللىغانلىقىغا، مەسىلىنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىقا تۈرتكە بولغانلىقىغا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. كورىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، مەسىلىنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا، رايوننىڭ تېنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى