قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆسۈملۈك سارىيى قۇرۇلۇش لايىھەسى ئېلان قىلىندى

2018-01-12 20:06:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆسۈملۈك سارىيى قۇرۇلۇش لايىھەسى مۇشۇ ئاينىڭ10- كۈنى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدىكى تۆت چوڭ يادرولۇق ئاساسىي ساراينىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆسۈملۈك سارىيى پۈتكەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن 600 خىلدىن ئارتۇق ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكنى بۇ يەرگە مۇجەسسەملەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تاماشا قىلىشىغا سۇنىدۇ. بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدىكى تۆت چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئۆسۈملۈك سارىيى، جۇڭگو سارىيى، خەلقئارالىق ساراي، تۇرمۇشنى ھىس قىلىش سارىيى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆسۈملۈك سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى 2019- يىلى4- ئايدا بېيجىڭ يەنچىڭ رايونىدا باشلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر، روسىيە، گېرمانىيە، كورېيە، ھىندىستان قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقى مۇقىملاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى