قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«2017- يىللىق دۇنيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنى يىللىق باھالاش» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2018-01-12 20:06:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«2017- يىللىق دۇنيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنى يىللىق باھالاش» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، «2017- يىللىق دۇنيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارغا ئائىت 10 چوڭ خەۋەر»، «2017- يىللىق دۇنيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاخبارات پېرسوناژلىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، «2017- يىللىق دۇنيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاخبارات پېرسوناژلىرى» رەت تەرتىپ بويىچە، دۇنياغا مەشھۇر گېئوفىزىكا ئالىمى خۇاڭ دايەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياڭ جېننىڭ، ياۋ چىجى، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئەۋلادىدىن تۇنجى قېتىم ئىككى نۆۋەت كابېنتقا كىرگەن ئايال جاۋ شياۋلەن، فرانسىيەلىك تۇنجى جۇڭگولۇق پارلامېنت ئەزاسى چېن ۋېنشيۇڭ، خارۋارد ئونۋېرىسىتېتىدىن «كوللېكتىپ ۋەتەنگە قايتقان» سەككىز نەپەر پوستدوكتۇر، مەشھۇر ئاسترونوم نەن رېندۇڭ، پاناما زۇڭتۇڭىنىڭ مەسلىھەتچىسى چېن گوجى، كانادا ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خۇاڭ سۇمېي، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئەۋلادىدىن بولغان مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماھىرلىرى چىڭ فىي ۋە دۇڭ خېبىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى