قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قولۇڭدىن كەتكەنگە قايغۇرما

2018-01-12 20:12:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر كۈنى ئەتىگەندە پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار تەجرىبىخانىغا كىرىپتۇ. مۇئەللىم بىر بوتۇلكا سۈتنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپتۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرى ئاشۇ سۈتكە چۈشۈپتۇ. ئەمما سۈتنىڭ بۇ سائەتلىك دەرس بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلەلمەيدىكەن. دەرس باشلاشتىن ئاۋۋال، مۇئەللىم تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپلا ھېلىقى سۈتنى سۇ كۆلچىكىگە تۆكۈۋېتىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ساۋاقداشلار ھەيران بولۇشۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىشىپتۇ. مۇئەللىم كۆپچىلىككە ئۈنلۈك ئاۋازدا: تۆكۈۋەتكەن سۈت ئۈچۈن قايغۇرماڭلار!  مۇشۇ بىر سائەتلىك دەرسنى مەڭگۈ ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، بۇ بىر بوتۇلكا سۈت ئەمدى يوق بولدى. ھەر قانچە قايغۇرساڭلارمۇ، تىت -تىت بولساڭلارمۇ، ئۇنىڭ بىر تېمىمىنىمۇ قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بالدۇر ئالدىنى ئالساڭلار، سۈتنى ساقلاپ قالغىلى بولاتتى، بىراق ھازىر كېچىكتىڭلار. ھازىر قىلالايدىغىنىڭلار پەقەت ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپ، كېيىنكى ئىشقا ئەھمىيەت بېرىشتۇر، دېگىنىچە دەرسنى باشلاپتۇ.
شۇنداق، بۇ ئىنتايىن ئاددىي بىر ھېكايە بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىنسان بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر ھايات ھەقىقىتى چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قولدىن كەتكەنگە قايغۇرماستىن، بەلكى ئۇنى ئۇنتۇپ، غەيرەت- جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ھاياتنى يېڭىدىن باشلاشتۇر. ئەمما بۇ ھەركىمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ.
تىرىكچىلىكتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىپ بىلمەستىن قولدىن بېرىپ قويىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىقىمىزنى بېغىشلاپ سۆيگەن گۈزەل نەرسىلەرنىڭ بىردىنلا خۇنۇكلىشىپ كېتىشى؛ ئىستىقبالىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ياخشى پۇرسەتلەرنىڭ مەنسۇپ بولماي قېلىشى؛ كېچە- كۈندۈز ئارزۇ قىلغان مۇۋەپپەقىيەت مۇمكىنچىلىكىنىڭ بىردىنلا يوق بولۇشى؛ كۈتۈلمىگەن مەغلۇبىيەت، ئېغىر كېسەل، كۆتۈرۈپ قوپقىسىز زىيان، .. دېگەندەك ئاچچىق رېئاللىق قانچىلىك بىزار بولۇشىمىزدىن قەتىينەزەر ئەتراپىمىزدا يۈرىيدۇ. تۇرمۇش ۋە ھايات ئەنە شۇنداق ئېرىشىش ۋە يوقىتىش نىسبىيلىكىدە داۋام قىلىدۇ. بەزى ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىمەن دەپمۇ ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. مەيلى بىخۇدلۇق قىلايلى، مەيلى تىرىشچانلىقى كۆرسىتەيلى بەرىبىر قولدىن چىقىرىپ قويغان نەرسە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ. چۈنكى ھايات دەل ئاشۇ يوقۇتۇشلاردىن كېيىن، بىزدىن يېڭىچە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
يېقىندا بىرەيلەن تىرىشىپ تىرمىشىپ يىغقان پۇللىرىنى قويمىچىغا قويدۇرۇپ قويۇپ، پۇلنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا بىتاپ بولۇپ ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ.
بۇنداق مىساللار ئەتراپىمىزدا يوق ئەمەس، ھەتتا كىچىككىنە يوقىتىشلاردىن ئەس ھوشىنى يوقىتىپ، ئادىمىيلىك مىزانى ۋە يۈكسەك ئارزۇ نىشانلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرمۇ بار. بىراق ھېچكىم تۇرمۇشنىڭ بۇ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. قانداقلا ئوي -پىكىردە بولمايلى ئۇ ئۆز يولىدا ئىلگىرىلەپ كېتىۋېرىدۇ.
ھاياتنىڭ شۇنداق بىر قانۇنىيىتى باركى، ساڭا مەنسۇپ نەرسىنى باشقىلار ھەم باشقىلارغا مەنسۇپ نەرسىنى سەن تارتىۋالالمايسەن. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال يۈز بەردى دېسەك، ئۇنداقتا چۇقۇم تەجرىبە -ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يوقاتقان نەرسىلىرىڭگە قارىتا  ۋاز كېچىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئىككىنچى ئېرىشىش ئۈچۈن تۇرمۇشۇڭنى، روھىڭنى يېڭى يۆنىلىشكە باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.. مەسىلەن، پاكلىق، پۇرسەت، پۇل، ، بەخت -تەلەي، ئۇتۇق، ساغلاملىق، دوستلۇق، ئىمكانىيەت.... دېگەندەك. بىراق ئۇلارغا قانچىلىك ئەقىدە- ئىخلاسىڭنىڭ بولۇشى ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈشىڭدىن قەتىينەزەر، بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا نىسبەتەن ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى تەن ئېلىش كېرەك. ياشىغان ئىكەنسەن يوقۇتۇشۇڭمۇ، ئېرىشىشىڭمۇ مۇمكىن.  مانا بۇ ھايات، مانا بۇ تۇرمۇش. مەيلى قانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرسۇن، مەشئەل بولالمىساقمۇ، چىراغ ياكى شام بولۇش ئۈچۈن يېڭىدىن- يېڭى پەللىلەرگە قاراپ توختاۋسىز ئىلگىرلىسەكلا، قىسقىغىنە ھاياتىمىزنى مەڭگۈلۈك مەناغا ئىگە قىلالىشىمىزدا گەپ يوق.
   شۇنداق، ھايات تولىمۇ قىسقا، ئەمما ئۇ چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۈمىد مۇساپىسى. بىز ئۆزىمىزگە تەۋە بولمىغان ياكى ئايرىلىپ قالغان نەرسىلىرىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىپ ئولتۇرماي، يېڭى ئۈمىد يولىدا جۇشقۇن روھ بىلەن ئىزدەنسەكلا، ھېچ نېمىنى ئېلىپ كېتەلمەيدىغان دۇنيادا قولىمىزدىكى نەرسىلەرنى باشقىلارغا قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھايات مۇھەببىتى ۋە مەسۇلىيىتىنى ئويغىتالىساقلا، بىر ئىنسان ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەڭ يۈكسەك بەختكە ئېرىشەلەيمىز. تەقدىردىن زارلىنىپ، ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەر ئاخىرىدا ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلاردۇر.  قىسقىسى، قولدىن كەتكەنگە قايغۇرۇش بەختسىزلىكنى چىللاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى