قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاتا- ئانىلار ھەر كۈنى كەچتە چوقۇم بالىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، بالىسى بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ بالىنىڭ مەكتەپتە ياكى ئۆيدە قانداق تۇرىۋاتقانلىقىنى، قانداق قېيىنچىلىققا يولۇققانلىقىنى سوراپ بىلىۋېلىش زۆرۈر

2018-01-12 20:13:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. بالىلاردا ئاكتىپ روھ يېتىلىدۇ.
ھەركۈنى بالىنىڭ مەكتەپتە ۋە ياكى تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشىلىرىنى دېگۈزۈش، بۇدەل ئەسلەش بولۇپ كۆڭۈللۈك ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىگەنلىك بولىدۇ، بالىنىڭ كەيپىياتىمۇ بىر قەدەر ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا- ئانىلار يەنە بىر قېتىم، بالىنىڭ كەيىپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق بالىلاردا ئاكتىپ روھ يېتىلىپلا قالماي يەنە بالىنىڭ ساغلام پىسخىكا يېتىلىشگە زور پايدىسى بار.
2. بالىلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى چۈشىنىش
مەكتەپلەردە بىر قىسىم بالىلار يەنىلا باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىشقا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بالىلار بولسا ئاتا-ئانىلارنى ئەنسرتىپ قويماسلىق ئۈچۈن دېيىشىنى خالىمايدىكەن. ئۇنڭ ئۈستىگە ئاتا- ئانىلارنىڭ خىزمەتلىرى بەك ئالدىراش بولغاچقا، ئەگەر بۇ ئىشىلارنى دېگەن تەقدىردىمۇ ئاتا- ئانىلار بۇنى ئانچە چوڭ ئىش دەپ قارىمايدىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا بالىلاردا ئاتا- ئانام ماڭا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن دېگەن خاتا قاراش پەيدا بولۇپ قالىدىكەن-دە، كېيىن ئۆزلىرى يولۇققان ئىشىلارنى ئاتا- ئانىلارغا دېيشىنى خالىمايدىغان، ئۆزنى بەزى ئىشلاردىن ئەپ قاچىدىغان ناچار ئادەت يېتىلىپ قالىدىكەن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئاكتىپ ھالدا بالىلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇشى، بالىنىڭ مەكتەپتە ياكى تۇرمۇشتا ئۇچرىغان مەسلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشى مەسلىنى ھەل قىلىشىغا يېتەكچلىك قىلىپ، بالىنىڭ بارلىق كۆڭۈلسىز ئىشلارنى كۆڭلىدە ساقلاپ يۈرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
3. بالا بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىش
ھەر كۈنى كەچتە، بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش بۇ ئارقىلىق ئۆز - ئارا مېھىرنى كۈچەيتىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى