قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

2018-01-14 20:41:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىدا

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 1- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا ئالاقىدار ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسى(لايىھە)، كۈنتەرتىپى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ دائىرىسى قاتارلىقلار ماقۇللاندى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپى بويىچە بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى مۇنداق بېكىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى 5- يىغىنىنىڭ تەكلىپ بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلاش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)غا قاراپ چىقىش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان ئورۇنلار، ساھەلەر ئايرىمىسى تەسىس قىلىش ۋە ئەزالار نامزاتى ئىسىملىكى (لايىھە)نى كېڭىشىش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(لايىھە) ۋە سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە)غا قاراپ چىقىش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە)گە قاراپ چىقىش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىدىكى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ 2017- يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرىغا قاراپ چىقىش؛ رەئىسلەر يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق يىغىنىدا ھەل قىلىنىپ بولۇنمىغان ئىشلارغا قاراپ چىقىشىغا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)غا قاراپ چىقىش.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشاد ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى