قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» تېمىسىدىكى مەدەنىيەتنى 10 مىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى ئۇيۇن قويۇش پائالىيىتىنى باشلىدى

2018-01-15 20:08:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى ئەتتىگەندە، ئاۋاز ياڭراتقۇ ۋە جابدۇقلار قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسىنىڭ لەڭگەر كەنتىگە يېتىپ بېرىپ، كەنت مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى لەڭگەر كەنتىدىكى ئاھالىلارغا ئويۇن قويۇپ بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» تېمىسىدىكى مەدەنىيەتنى 10 مىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى ئۇيۇن قويۇش پائالىيىتىنى باشلىدى.
«داپ تىپىش» ناملىق سېرىك نۇمۇرى بىلەن باشلانغان ئۇيۇن قويۇش پائالىيىتى بىر سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا، كەنت ئاھالىلىرى ئادەتتە تېلېۋىزورلاردىلا كۆرەلەيدىغان سەرخىل نۇمۇرلاردىن ھوزۇرلاندى. مەدەنىيەت ئۆيى چاۋاك ساداسى ۋە ئالقىش ساداسى بىلەن تولدى. قىزىقارلىق ئۇيۇنلار كەنت ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى. 80 ياشقا كىرگەن داۋۇت قادىر بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: تۇرمۇشىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بىز خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، مۇشۇنداق قىزىقارلىق ئويۇنلاردىن ھوزۇر ئېلىپ، ئۆزىمىزنى ناھايىتى بەختلىك ھىس قىلىۋاتىمىز. بىزگە مۇشۇنداق خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» تېمىسىدىكى مەدەنىيەتنى 10 مىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى يېرىم ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 40 نەچچە مەدەنىيەت سەنئەت تارماق ئەترەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازى ۋە غەمخورلۇقىنى ئۇلارغا يەتكۈزىدىكەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى