قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىزىل گۈلىنىڭ شىپالىق رولى

2018-01-16 13:48:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىزىلگۈل  تەبىئەتنىڭ زىننتى ھەم ئىنسانلار ساغلاملىقىنىڭ ھەمراھى. قىزىلگۈلنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، زەھەرسىز بولۇپ، يەلنى ھەيدەپ، قاننى جانلاندۇرۇش، مېڭە، يۈرەك، جىگەر، ئۆپكە، تال، ئاشقازان، ئۈچەيلەرنى قۇۋۋەتلەش ، قىزىتمىنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە. ئۇنى يالغۇز ئىشلىتىشكىمۇ، باشقا دورىلارغا قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ .
قىزىلگۈلنى چاي ئورنىدا قايناق سۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچسە ، يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر، ئۈچەيلەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ . قاننى توختىتىدۇ . ئىسسىقتىن بولغان بىھۇشلۇققا، يۈرەك زەئىپلىكىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ .
ھۆل قىزىلگۈلنى خىمىر قىلىپ سۆگەل، ھەرخىل ئىششىق ۋە سۇنۇقلارغا چاپسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇتۇلغىنىنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ جاراھەتلەرگە سەپسە جاراھەتنى قاتۇرۇپ ، يارا ئېغىزىدا گۆش ئۈندۇرىدۇ . قىزىتىما ئۆرلەپ كەتكەندە بىر سىقىم قىزىلگۈلنى 750 گىرام سۇدا قاينىتىپ ئىچىسە،قىزىتىمىنى پەسەيتىپ،يۈرەك ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ.ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بولۇپ قالغان كىشى قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى كۈنىگە 100 گىرامدىن، ئاشقازان، مېڭە، ئۈچەي، تال كېسەللىكى بار كىشلەر كۈنىگە 50 گىرامدىن يەپ بەرسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ . بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا ياكى قورسىقى ئاغرىسا، ئىككى گىرامدىن ئۈچ گىرامغىچە گۈلقەنت بەرسە ساقىيىپ قالىدۇ .

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى